ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى

زۇلھايات ئىسمائىل

2018.10.15 12:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۈگۈنكى جەمئىيەت ئۇچۇر دەۋرىگە كىردى، ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ۋە ئالاقىلىشىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، رايون ھالقىغان ئالماشتۇرۇش كۈنسايىن كۆپەيدى. جۇڭگو 56 مىللەتتىن ئورتاق تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئاھالىسى 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن، 129 خىلدىن ئارتۇق تىل بار، ئەگەر ئومۇمىي خەلق ئورتاق ئىشلىتىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەتتە كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر خىل دۆلەت ئورتاق تىلى بولمىسا، ئوخشىمىغان مىللىي رايون، ئوخشىمىغان تىل رايونىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەت تېخىمۇ سۇسلىشىپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى رىشتە ئۈزۈلىدۇ. شۇڭا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى»دا: پۇتۇڭخۇا دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان تىل، قېلىپلاشقان خەنزۇچە يېزىق دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان يېزىق، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەن- تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەمئىيەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى ۋە باشلامچى خىزمىتىدۇر. دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم ۋە زور.

  بىرىنچى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. دۆلىتىمىزدە مەيلى دۆلەت دائىرىسىدە ياكى رايون ئىچىدە بولسۇن، مەمۇرىي ئىشلار، پەن تەتقىقات، ئۇچۇر، ئەمگەك قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرنىڭ خىزمىتى ۋە ئالماشتۇرۇشىدا ئاساسەن دۆلەت ئورتاق تىلى ئىشلىتىلىدۇ، تىلنىڭ راۋان بولماسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى چەكلەپ قويىدىغان ئاساسلىق مەسىلىگە ئايلانغان. مەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزىلىرىدا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەش تېمىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئوبيېكتلارنىڭ %82ى تىل ئالاقىسىنىڭ ئىشلەمچىلىك كىرىمى بىلەن مۇتلەق مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئوبيېكتلارنىڭ %55ى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ تىل ئالاقىسى مەسىلىسى، دەپ قارىدى. جۇڭگو دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن غايەت زور ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق، ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئەگەر دۆلەت ئورتاق تىلىنى پىششىق ئىگىلىيەلىسە، بىر ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ، بۇ، رايون ۋە جاي چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىچىك دائىرىدىن ۋە تونۇش جەمئىيەتتىن چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشكە، كىشىلىك قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەرقايسى مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  ئىككىنچى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى قوللىنىپ توسالغۇسىز ئالماشتۇرۇشى، ئالاقە باغلاشنى كۈچەيتىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئاممىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىشى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن چوڭقۇر مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇشقا پايدىلىق، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئېجىل- ئىناق ئۆتۈشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

  ئۈچىنچى، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭگو تىلى دۇنيادا ئەڭ كەڭ تارقالغان، ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بەش چوڭ تىل ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوللىنىدىغان ئالتە چوڭ خىزمەت تىلىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك. دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا، جۇڭگو تىلىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد- سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى رولى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا، خەلقئارا جەمئىيەتتە جۇڭگو تىلىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش بارغانسېرى ئومۇملاشماقتا. ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر جۇڭگو تىلىنى ئالاقىلىشىش قورالى قىلغاندا، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى سىرتقا تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلغىلى، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئالاقىگە قاتنىشىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغىلى، مىللەتلەرنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، دۆلەتمۇ سالماقنى ئاشۇرۇپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى قوغدىدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تولۇق قانۇن كاپالىتىگە ۋە سىياسەت مەدىتىگە ئىگە قىلدى. قانۇن قاتلىمىدىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى»دا «مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دەپ بەلگىلەنگەن. تۈزۈم قاتلىمىدىن، 2016- يىلى 5- ئايدا، دۆلەت تىل- يېزىق كومىتېتى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە «جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى ھەم 2015- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنى قوغداشنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى. بۇ قانۇن ۋە سىياسەتلەرنىڭ مەدىتى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداش خىزمىتى ئاجايىپ ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 12 مىڭدىن كۆپرەك قوش تىل مەكتىپى، 8 مىليوندىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا 103 خىل گېزىت ۋە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا 227 خىل ژۇرنال نەشر قىلىندى ھەم موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنزۇچە، يىزۇچە، جۇاڭزۇچە، قىرغىزچە، شىبەچە قاتارلىق يېزىقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كومپيۇتېرنىڭ يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى. دۆلەت پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىنى قوغداپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش جەريانىدىكى غەم- ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھىي خىسلىتىنىڭ سىمۋولى، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەخرى، شۇنداقلا جۇڭگو مەدەنىيىتى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاقىلىشىش، ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشى ئۈچۈن قولايلىق تىل سۇپىسى قۇرۇپ بەردى، بۇ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشى، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىدىكى زۆرۈر تاللىشى.

  (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ داشۆ)

  («نۇر گېزىتى»نىڭ 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى سانىنىڭ 6- بېتىدىن ئېلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى