ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى

ليۇ لۇمېي

2018.10.15 12:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە مىسلىسىزدۇر. بەش يىلدىن بۇيان، 68 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالە ئازايدى، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %10.2تىن %3.1كە تۆۋەنلىدى، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، نامرات ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى.

  نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا كىردى، لېكىن غەربىي رايونلار، بولۇپمۇ مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلار يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كەمتۈكلۈكتۇر. بۇ رايونلارنىڭ نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، نامراتلارنى يۆلەش تەننەرخى يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور. ئۇنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەندە، مەنبەسى ساۋاتسىزلىق ياكى يېرىم ساۋاتسىزلىق نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتى كەمچىل بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى قالاق بولۇش، ئۆز- ئۆزىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش جەھەتلەردە بولۇپ، كەسپىي ماھارىتىنىڭ كەمچىل بولۇشى ياكى كەسپىي ماھارىتى بىرلا خىل بولۇش نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق بوغما ھالەتكە ئايلاندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىگە يېتىشتە، جەزمەن كەسپىي ماھارىتى كەمچىل بولۇشتىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشتىكى بۇ «بوغما ئېغىز»نى مەھكەم چىڭ تۇتۇپ،ئۆز- ئۆزىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات ئاممىنىڭ كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەكتەپ، جەمئىيەت، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ نامرات ئاممىنى ھەر تەرەپتىن كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشى ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بىر ئائىلىدە بىر كىشىنى ياكى بىرقانچە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇكاپات تولۇقلىمىسى، ئەمگەك مۇلازىمەت تولۇقلىما ياردىمى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق ئائىلىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ياكى مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى تۇتقانلىق- نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتقانلىق، تەرەققىياتنى تۇتقانلىق» دېگەن تەپەككۇرنى تۇرغۇزۇش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»دا «مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ بىر تۈركۈملىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت مائارىپى ۋە تەربىيەلىشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر بىر ياشنى بىر ماھارەتكە ئىگە قىلدى، ئۇلارغا تىرىكچىلىك يولىنى تاپالايدىغان بىر خىل ماھارەتنى ئىگىلەتتى؛ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، كەسپىي مائارىپ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپ كەسىپلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئۇنىڭ رېئاللىق بىلەن جىپسىلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتتى؛ ئورمانچىلىق- باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق- باقمىچىلىق، ھۆسن تۈزەش- ساتىراشلىق، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى، ساياھەت يېتەكچىلىكى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، مىللىي قول ھۈنەر- سەنئىتى، مىللىي چالغۇ ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسپىي ماھارەت ئوقۇتۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلدى، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  تەربىيەلەشنى يېزىلارغا، ماھارەتنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ، نامرات ئاممىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. نامرات رايونلار، بولۇپمۇ تۇتاش ئېغىر نامرات رايونلاردا مەركەزلىك تەربىيەلەش، كەنت ئاھالىلىرى كەچلىك مەكتىپى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، يېزىلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز- ئۆزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، پۇل بېرىش، ماددىي بۇيۇم بېرىشتەك «قان بېرىش شەكلى»دىكى نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن نامراتلارنى يۆلەش بىرلەشتۈرۈلگەن «قان ئىشلەش شەكلى»دىكى نامراتلارنى يۆلەشكە ئۆزگەرتىپ، ئېغىر نامرات رايونلار ۋە تۇتاش نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاممىغا قارىتا كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن مەركەزلىك ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى؛ كەنت ئاھالىلىرى كەچلىك مەكتىپىدە تەربىيەلەشتىن پايدىلىنىپ نامرات ئاممىغا ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا ئىگىلىتىپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى كاپالەتلەندۈردى؛ نامرات ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى شەھەر- بازارلارغا ياكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش- ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، «بىرنى تەربىيەلەپ، بىرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىشانىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  كارخانىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيەلەش ۋە زاكازلىق، نىشانلىق ماھارەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى ناھىيە، يېزىلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماكانلاشقان كارخانىلاردا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، ئىشچىلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ يېتەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەنتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۆرىدەپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر كەسپىي ماھارەت ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەنتلەردە پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇش دۇكىنى، كۆكتات دۇكىنى، كىيىم- كېچەك زاۋۇتى، كەشتىچىلىك دۇكىنى، مېۋە- چېۋىلەرنى پىششىقلاش ئاقما لىنىيەسى، قوي- كالا باقمىچىلىق مەيدانى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ئائىلىسىدە ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلىرى بار ئاياللارنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  سالماقنى ئاشۇرۇپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئەمگەكچى چىقىرىش بويىچە ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامرات رايونلار، بولۇپمۇ تۇتاش نامرات رايونلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولۇپ، ئەمگەكچى چىقىرىش نامرات رايونلاردىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى كۆپەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالغان. نامرات رايونلار چىقارغان ئەمگەكچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن، كەسپىي ماھارىتى ناچار بولۇشتەك رېئاللىققا ئاساسەن، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى نامرات رايونلارنىڭ ئەمگەكچى چىقىرىشتىكى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە بۇرۇلۇشىدىكى تۈرتكۈچكە ئايلاندى. نامرات رايونلار چىقارغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل يوللار بىلەن كەسپىي ماھارەت، بولۇپمۇ ئەمەلىي قوللىنىشچان ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بىرسىگە بېلىق بەرسەڭ، ئۈچ ۋاق تاماققا يېتەر؛ بېلىق تۇتۇش ماھارىتىنى ئۆگەتسەڭ، بىر ئۆمۈر ئەسقاتار. نامرات رايونلار، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاممىغا نىسبەتەن، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشتە، چوقۇم دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچى»نى تېپىپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى، ئاممىنىڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى، كارخانىلارنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئەمگەكچى چىقىرىش بويىچە ماھارەت تەربىيەسى قاتارلىقلارنى كۆزلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىق يىلتىزىنى ئۈزۈل- كېسىل قومۇرۇپ تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى)

  («نۇر گېزىتى»نىڭ 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى سانىنىڭ 6- بېتىدىن ئېلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى