ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«كەنتتىكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەش يولىدا، يۇرتداشلارنىڭ بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا بەل باغلىدىم»

_ «مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى» ئالاھىدە پىروگراممىسى «يېقىشلىق <سۆزلەر> _ باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر» جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

2018.10.13 14:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  33 ياشلىق زوۋ خومىڭ بۇلتۇر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، كەنتتىكى ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسىتىۋاتقان «يېقىشلىق <سۆزلەر> _ باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر» پىروگراممىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەلبى لەرزىگە كەلدى. «ھەر بىر شاخ، ھەر بىر يوپۇرماققىمۇ مۇھەببەت باغلىشىمىز كېرەك» ناملىق بىرىنچى قىسىمدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلق مەركەز قىلىنغان» تەرەققىيات ئىدىيەسى شەرھلەندى.

  «باش شۇجى <ھەر بىر شاخ، ھەر بىر يوپۇرماققىمۇ مۇھەببەت باغلىشىمىز كېرەك> دېگەن بۇ شېئىر ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلارغا ھەر ۋاقىت خەلقنى ئويلاشنى ئەسكەرتتى. ئۇ ياچېيكا شۇجىسى بولغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقىنى چوڭقۇر بىلىدىغان بولغاچقا، بىزنى سۆلەتۋازلىق قىلماي، شەكىلۋازلىق قىلماي، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى».

  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جاۋچىڭ شەھىرىنىڭ دىڭخۇ رايونى فېڭخۇاڭ بازىرى شاڭشۈيتيەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زوۋ خومىڭ ۋە كەنت كومىتېتى يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، تاشلىنىپ قالغان يەر بايلىقىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 4000 يۈەن كۆپەيتتى، ئەنئەنىۋى ھاراق ئېچىتىش ھۈنەر- سەنئىتىنى قېزىپ چىقىپ، ئالاھىدە داڭلىق ماركىلىق كەسىپ بەرپا قىلىپ، يىللىق تىجارەت كىرىمىنى تەخمىنەن 1 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى.

  ئۇ: «كەنتتىكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەش يولىدا، يۇرتداشلارنىڭ بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا بەل باغلىدىم»، دېدى.

  پىروگراممىنىڭ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا پۇقرالارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك» ناملىق ئىككىنچى قىسمىدا، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، خەلق ئارىسىدا ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇش، خەلقنى مايىل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز»، دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى شەرھلەندى.

  شىئەن پوچتا تېلېگراف داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى يۈەن ۋۇجېن: باش شۇجى قوللانغان ئۆرنەكلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش بىزنى چوڭقۇر ئەقلىي ئىلھام ۋە كۈچلۈك مەنىۋى تىرەككە ئىگە قىلدى، دېدى.

  «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش _ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك». يۈەن ۋۇجېن مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان داۋالاش، مائارىپ، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەردىن تۇتۇش قىلىپ، خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  پىروگراممىنىڭ «ئەخلاق بولمىسا، دۆلەت روناق تاپالمايدۇ» ناملىق ئۈچىنچى قىسمىدا ئەخلاقنى قەدىرلەش، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش، گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەخلاق» توغرىسىدىكى بايانلىرى شەرھلەندى.

  بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى لاۋچياڭگېن مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گاۋ خۇڭيىڭنىڭ مەھەللە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 13 يىل بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پىروگراممىنىڭ بۇ قىسمىنى كۆرۈپ زور ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولدۇم _ مەھەللە ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇ- تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرىدىغان مۇھىم يول، مەھەللىنى ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن ئوخشاش، ھەممىسىدە ئەخلاق ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىش كېرەك. «مەھەللە پارتكومى بەنزىسى مەھەللىنىڭ باشلامچىسى، ئالدى بىلەن <ئەخلاق>لىق بولۇشى كېرەك. باشقىلارنى تۈزەش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىنى تۈزىشى كېرەك».

  يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، مەھەللىدە كۆچمە ئاھالە كۆپەيدى، ئاھالىلەر باققان ئىتنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى، تازىلىق مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. گاۋ خۇڭيىڭ بىر مەزگىل مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى باشلاپ، ھەر كۈنى سۈپۈرگە، گۈرجەك كۆتۈرۈپ كوچا ئارىلاپ ئەخلەت تازىلىدى، كېيىن نۇرغۇن ئاھالە بۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئاستا- ئاستا مەھەللە مۇھىت ئاسراش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى شەكىللەندى.

  گاۋ خۇڭيىڭ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، مەھەللىدىكى «ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك» قابىللارنى قېزىپ، مەھەللە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىنى ئورتاق ئىدارە قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ: ئەخلاق ئارقىلىق قايىل قىلىنغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى كۈچىيىپ، تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدىغان بولدى، دېدى.

  پىروگراممىنىڭ «دۆلەتنىڭ ئاساسى ئائىلىدە» ناملىق تۆتىنچى قىسمىدا، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى مېڭ گۇاڭفەن ھازىر دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قىسىمنى كۆرۈپ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرات ئالدىم _ دەل ئائىلىمىز، ئاتا- ئانىمىز كىشىلىك تۇرمۇشىمىزغا ئاساس سېلىپ بېرىدۇ. مەن شەندۇڭ تەيئەندىكى يېزىدا تۇغۇلغان، يۇرتۇم كۇڭزى، مېڭزىنىڭ يۇرتىغا قوشنا، بىلىمگە تايىنىپ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش- ئاتا- ئانامنىڭ سۆز- ھەرىكىتىدىن ئېرىشكەن كىشىلىك ھايات تەجرىبەم.

  36 ياشلىق مېڭ گۇاڭفەن ئاتا- ئانىسىدىن ئۆگەنگەن كەڭ قورساقلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، كەمتەرلىك پەزىلىتىنى پەرزەنتىگە ئۆگەتتى. «كىچىك ئائىلىمىزدە پەرزەنتىمىزگە قويغان تەلەپنى بىز ئەر- خوتۇن ئاۋۋال ئۆزىمىزگە قويىمىز».

  مېڭ گۇاڭفەن مۇنداق قارىدى: ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئىناق، كۆڭۈللۈك ئائىلە ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارنى توغرا يېتەكلەش ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، تەرەققىي قىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۇنى جارى قىلدۇرۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. «پەن- تېخنىكا خىزمەتچىسى ۋە بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، لېكىن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشقا زور ئىشەنچىم بار».

  خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھىرىنىڭ جيايۈ ناھىيەسى توك بىلەن تەمىنلەش تارمىقىنىڭ ئالاھىدە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە، «يېقىشلىق <سۆزلەر> _ باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر» يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى جيايۈ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى چائەن توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ مۇدىرى چېڭ خېپىڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق چۈشەندۈرۈش شەكلى بەك ياخشى ئىكەن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىمۇ بەك چۈشىنىشلىك ئىكەن، بۇ بىر قېتىملىق قىممەتلىك ئۆگىنىش پۇرسىتى بولدى. باش شۇجى قوللانغان ئۆرنەكلەر مەيلى «خەلق مەركەز قىلىنغان» تەرەققىيات ئىدىيەسى، «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز»نى شەرھلەشتە بولسۇن ياكى گۈزەل ئەخلاق تۇرغۇزۇش، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەلەپلەردە بولسۇن، ھەممىسى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  (مۇخبىرلار بەي يىڭ، جۇاڭ جىن، شۈ زۇخۇا، جاڭ چاۋ، شياۋ خەيچۈەن، لياڭ جيەنچياڭ)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى