ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى

كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ياڭ لېي، شيې لىڭ

2018.10.13 13:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرىنىڭ يار بېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: بىز بىر كىيىم- كېچەك زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنتىمىزدىكى نەچچە ئون ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا پۇل تېپىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. كەنتتىكى ھەممە كىشى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشسىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىسى ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ.

  يار بېشى كەنتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 14 كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن كەنتتە جەمئىي 285 ئائىلە، 1201 ئاھالە بار، 105 ئائىلىدىكى 440 كىشىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن.

  بۇ يىل يىل بېشىدا، جاڭ شىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ، قايتا- قايتا ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، پىكىر ئېلىپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر»نى «بىر ئائىلىگە كۆپ تەدبىر»گە ئۆزگەرتىپ، «پارتىيە ياچېيكىسى+ ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى كۆكتات تېرىشقا تەشكىللەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «ئوپچە» تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى؛ نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى؛ كەنتتە «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇرۇپ، نامرات ئاممىنى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى.

  يار بېشى كەنتىدىكى نامرات ئائىلە توختىئايگۈل ئەمەت 10- ئاينىڭ 4- كۈنى چەيزىلىكتە تۇرۇپ خۇشال ھالدا ئېرىگە تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: «تېرىغان چەيزىلىرىمىز بەك ئوخشىدى، توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ياخشى ئىشلەڭ، بۇ يىل بىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمىز!». توختىئايگۈل بۇ يىل كۆكتاتچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ، زاكازلىق چەيزە تېرىدى، چەيزىلەر پىشسا، ئۈزۈلگەن ھامان سېتىپ چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭ ئېرى ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا ئىشلەيدۇ، ئېيىغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدۇ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. چەيزىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئالدىراشلىق ئىچىدە يولغا قويغان كەنت دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى- «كۆك- تاق قۇرۇلۇشى»نىڭ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېڭى يول ئېچىپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «قان بېرىش» «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىلدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، كۆكتاتچىلىق كەسپىنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 44 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى كۆكتات تېرىقچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلىدى، كەنت ئاھالىسىنى پاي قوشۇشقا ھەم ئېتىز پەرۋىشىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردى. ھازىر، 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھەر ھەپتىدە بەش توننا ئەتراپىدا چەيزە ئۈزگىلى بولىدۇ، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ 80 توننىغا يېتىدىغانلىقى، يىل ئاخىرىدا ھەربىر ئائىلىنىڭ 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  باشلامچى غاز توغرا يۆنىلىشكە باشلىسا، قالغان غازلار قانات قېقىپ پەرۋاز قىلالايدۇ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «باشلامچى غاز». كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقان- چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى بولغان خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى ئورناتقاندىلا، ھەرقايسى تارماق ئەترەتلەر بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرەلەيدۇ. «لېكىن كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقان- چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى تۆۋەن، كەنت ئاممىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئېڭى ئاجىز، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش ۋەزىپىسى ئېغىر...» بۇلارنى ئويلىغاندا، جاڭ شىن چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ، ئۇياق- بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدۇ.

  كەنت كادىرلىرى، دېھقان- چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى، ئۈلگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى كەنت كادىرلىرى، دېھقان- چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن «1+1» شەكلىدە ياردەم بېرىدىغان قوشماقلاردىن بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «مەسئۇلىيەت رايونى»نى ئايرىپ، «پارتىيە ئەزالىرى ئائىلىسى»، «پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى»گە تاختا ئېسىپ، بېيىش باشلامچىلىرى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش قابىللىرىنى پارتىيە تەشكىلاتىغا يېقىنلىشىشقا يېتەكلىدى.

  «پارتىيە ئەزالىرى ئائىلىسىگە تاختا ئېسىلىپ سالاھىيىتىنىڭ نامايان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەقىقىي ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان پارتىيە ئەزالىرى كۆپەيدى، كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ خىزمىتىنى قوللايدىغان پارتىيە ئەزالىرى كۆپەيدى، پارتىيە ئەزالىرى تەدرىجىي ھالدا ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدىغان تايانچقا ئايلاندى» دېدى يار بېشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرغۇن ئىمىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى