ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

نىلقا، جېمىنەي نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى

2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى

2018.10.12 18:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلاپ قوشۇلۇشى بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جېمىنەي ناھىيەسى دۆلەتنىڭ مەخسۇس باھالاپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەتتە نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2013- يىلىدىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى بىلەن جېمىنەي ناھىيەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەن، ھازىر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر بىردەك نامرات ناھىيەلەردىن چېكىندۈرۈش ئۆلچىمىگە يەتكەن. نىلقا ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %20.07 تىن ھازىرقى %0.81 كە تۆۋەنلەپ، جەمئىي 7287 ئائىلىدىكى 27 مىڭ 996 كىشىنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، 30 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، نامرات ئائىلىلەردە ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشتىن توختاپ قالمىغان، ئاساسىي مائارىپنىڭ قاپلاش نىسبىتى% 100 كە يەتكەن؛ جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %35.86 تىن ھازىرقى% 0.57 كە تۆۋەنلەپ، جەمئىي 32 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى ۋە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، 2018- يىلى 454 مىڭ 800 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 510 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، ئۈچ نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشتىن ئىبارەت بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلماقتا.

  ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ۋەزىيىتى ئومۇميۈزلۈك شەكىللىنىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، ساھەلەر بويىچە يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەش قاتارلىق بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ۋەزىيىتى شەكىللەندى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىش بىرىكمە كۈچى يەنىمۇ مۇجەسسەملەندى. كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر، نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىشى ۋە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشى ئاپتونوم رايوننىڭ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى «13- بەش يىللىق» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋاقىت تەرتىپى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، نامراتلىقتىن چېكىنىشتە چوڭ داۋالغۇش بولۇشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، نىلقا ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسى گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ مۇقىم ۋە سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل