ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خەلققە «كەڭ قورساق» مۇئامىلە قىلىش

شېن ياپىڭ

2018.10.12 17:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر- يېزا پىلانلاشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى «كەمچىل ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ تەستىقلاش»نى يولغا قويغان، يەنى قائىدىگە ئۇيغۇن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قارىتا، ئاساسلىق ماتېرىيالى تولۇق، پەقەت قىسمەن قوشۇمچە ماتېرىيالى كەم بولغان ئەھۋالدا، ئىلتىماس قىلغۇچى مۇناسىپ ۋەدە بەرگەندىن كېيىن كەمچىل ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئىش بېجىرگۈچى كارخانا، ئاممىنىڭ «قاتراپ يۈرۈشى»دىن ساقلانغان.

  ماتېرىيال تولۇق بولماسلىق «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئەمەلىي يۈرۈشۈش جەريانىدا دۇچ كېلىدىغان ئاساسلىق توسالغۇ. « كەمچىل ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ تەستىقلاش» شۈبھىسىزكى، بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى بولۇپ، ئىلگىرىكى «ماتېرىيال تولۇق بولمىسا بېجىرگىلى بولمايدىغان» تەستىقلاشتىكى قىيىن ئەھۋالنى بۇزۇپ تاشلاپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش ئىسلاھاتى»نى ياردەم كۈچى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىش، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

  لېكىن «كەمچىل ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ تەستىقلاش»تا يول قويۇلىدىغىنى «ۋاقىتلىق كەم بولۇش»، ھەرگىزمۇ «ھەقىقىي كەم بولۇش»قا يول قويۇش ئەمەس. بۇ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. «كەمچىل ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ تەستىقلاش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار خىزمىتىنى تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ پۇختا ئىشلەش. مەسىلەن، ئىشتىن بۇرۇنقى ئۇقتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتكەندە، ئىش بېجىرگۈچى ئورۇن بىلەن ئاممىنى ئىمكانقەدەر بىر قېتىمدىلا تولۇق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈزگىلى بولىدۇ؛ ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتكەندە، ماتېرىيالنى قەرەلىدە تولۇقلاپ تاپشۇرالمايدىغانلارنى ۋاقتىدا ئەسكەرتكىلى ۋە ئۇلارغا ھەيدەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەم خەلققە قولايلىق ۋە پايدىلىق بولغان «كەمچىل ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ تەستىقلاش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ھەم قانۇن- بەلگىلىمىلەر بويىچە «قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلىغىلى» بولىدۇ.

  خەن يۈ «ئەسلىنى يوقىتىش»تا، «قەدىمكى ئېسىلزادىلەر ئۆزىگە قاتتىق ۋە ھەر تەرەپلىمە تەلەپ قويىدۇ، باشقىلارغىمۇ كەڭ قورساق ۋە ئاددىي تەلەپ قويىدۇ» دېگەن. ئۆزىگە قاتتىق ۋە ئەتراپلىق تەلەپ قويۇپ، باشقىلارغا كەڭ قورساق ۋە ئاددىي مۇئامىلە قىلىش- بۇ جۈملە سۆزنى مەمۇرىي مۇلازىمەتكە قوللانغىنىمىزدا، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ قەلبىدىكى ياخشى ئوبرازى تىكلىنىدۇ ۋە ئالقىشقا ئېرىشەلەيدۇ.

  («سۆز ھەممىگە» ماقالە قوبۇل قىلىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com )
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان