ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت بازىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما چۈن

2018.10.12 17:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغدىنىپ، ئۆزئارا سىڭىشىدىغان، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق سىجىل مۇقىم بولدى، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى مۇقىم ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىساد سىلىق، مۇقىم ئاشتى، ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسايىن مۇكەممەللەشتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، گۈزەل شىنجاڭدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك يېپيېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

  ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل غەرىزىدىن ئۆلسىمۇ يانماي، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، تارىخنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، دىنىي قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىگە ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلدى، ئەخلاق ۋە قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلدى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسىنىڭ قەبىھلىكى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر چىن ئەمەس، سادىق ئەمەس، سەمىمىي ئەمەس، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول. ئۇلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ئۈچۈن بايراق پۇلاڭلىتىپ جار سالدى؛ ئۇلار كۆرۈنۈشتە پارتىيەنىڭ فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرمىدى، ھەرىكىتى ئاستا بولدى ياكى ھەرىكەت قىلمىدى، تەشكىلنى ۋە خەلقنى ئالدىدى؛ ئۇلار «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تارقىتىپ، ئاممىنى ئالدىدى ۋە قايمۇقتۇردى، ياش- ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە.

  مەن مەردانىلىك بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىمەن. قانۇن بىلەن ئوينىشىدىغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا پېتىنىدىغان ئاشۇ قانۇنسىز جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا چوقۇم قاتتىق زەربە بېرىمەن، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالايمەن، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۇ ئاپەتلەرنى، مۇناپىقلارنى، داشقاللارنى بىرىنى قويماي تارتىپ چىقىرىپ تەلتۆكۈس يوقىتىمەن! شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى جان تىكىپ قوغداشقا قەسەم قىلىمەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى جان تىكىپ قوغداشقا قەسەم قىلىمەن!

  تەشۋىقات، مەدەنىيەت سېپىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى بۇ ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە، مەن تەشۋىقات بازىسىنى چىڭ ساقلاش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بىلىمەن، ئۆزۈم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە زىممەمگە ئالىدىغان بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنىمۇ چوڭقۇر بىلىمەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىمەن؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە تەشۋىقات يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت بازىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن؛ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە باشلامچىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، تۈرتكە بولغۇچىلىرىدىن ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولىمەن؛ جامائەت پىكرى يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىدىيە- ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچۈمنى قوشىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى