ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تىرىشىپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن

خوتەن ناھىيەسى قاشتېشى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىنارگۈل سۇلايمان

2018.10.12 17:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر دائىم مىننەتدارلىق قەلبىم بىلەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىمەن، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاممىنى يېتەكلەشتە بايراقدار بولىمەن، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىن كۆڭلۈمدىن ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاتا قاراش ۋە خاتا خاھىشلارغا باشلامچىلىق بىلەن رەددىيە بېرىمەن، دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى بارلىق بۆلگۈنچىلىك سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئورتاق يۇرت- ماكانىمىزنى قەتئىي ياخشى قوغدايمەن.

  ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى تېخىمۇ ئۆستۈرىمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان قاتتىق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ، ھەمىشە تەييار ھالەتتە تۇرۇپ، دۈشمەن كۈچلەرگە ھېچقانداق پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن.

  مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممە ئادەم مەسئۇل بولۇش، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى، تۈرلۈك ئىنچىكە ھالقىلارنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئادەم بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

  ئاممىۋى خىزمەتنى تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيمەن. ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمەن؛ رەھبىرىي كادىرلار ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىدىكى كونكرېت تەلەپلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، قانۇن- نىزام قاتارلىقلارنى ئېنىق سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ھەممە ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزىمەن. ئاممىغا زىچ تايىنىپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تۈزەپ، ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈشكە، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

  خىزمەت ئىستىلىمنى تېخىمۇ پۇختىلايمەن. كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى ۋە مۇھىم ئامىلى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىمنى ياخشىلاش، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى تۈزەش، تۈگىتىش، ئىستىل پۇختا بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر تۇتۇش، ئەمەلىي ئىشلەشكە تۈرتكە بولىمەن. تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى