ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك
سىچۈەن- شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2018.10.11 17:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە سىچۈەن- شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىلمىي بولغان تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ئورنىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ سىچۈەن- شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇش دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ چوڭ ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىش، ياخشى قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز دۇنيادىكى تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرى ئەڭ ئېغىر بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا قويۇلغان مۇھىم، زور سىناق، ئۇنى چوقۇم چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇش شەرت.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس، ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە دائىملىق بولمىغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپەت زىيىنىنى ھەر تەرەپلىمە ئازايتىشنى كۈچەيتىش، ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتكە بىرتۇتاش پىلانلاپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپ تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ماس ھەمكارلىشىدىغان تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش؛ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش؛ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تەبىئىي ئاپەت خەۋپى ۋە زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش؛ ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش؛ خەلقئارا ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ھەمكارلىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاچقۇچلۇق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپەت خەۋپىنى تەكشۈرۈش ۋە نۇقتىلىق يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپ ئاساسىنى ئىگىلەش؛ نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدار رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئورمان، ئوتلاق، دەريا- كۆل، سۇلۇق يەر، چۆل، دېڭىز- ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ دېڭىز قىرغىقى بەلبېغىنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك دېڭىز تۇغىنى قۇرۇپ، تەيفېڭ بورىنى، بورانلىق تاشقىن قاتارلىق دېڭىز- ئوكيان ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ يەر تەۋرەش ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردا ئۆي، ئەسلىھەلەرنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش- قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش سۇ ئىنشائاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش- قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ گېئو ئاپەتنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش ۋە خەۋپتىن ساقلىنىش- ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «13- بەش يىل»لىق گېئو ئاپەت بويىچە خەۋپتىن ساقلىنىش- كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ جىددىي ۋەقەلەردىن قۇتقۇزۇش مەركىزى قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىر قانچە رايون خاراكتېرلىك جىددىي ۋەقەلەردىن قۇتقۇزۇش مەركىزى قۇرۇش؛ تەبىئىي ئاپەتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش- سىگنال بېرىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل ئاپەت تۈرى ۋە ئاپەت زەنجىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، خەۋپنى دەسلەپكى مەزگىلدە پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىش- ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تېخنىكىلىق جابدۇقلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلىتىمىز قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ كەسىپلەشكەن تېخنىكىلىق جابدۇق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىچۈەن- شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئېھتىياجى، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. ئىلمىي پىلانلاش، تېخنىكىنى تايانچ قىلىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەپەككۇرنى ياخشى ئىگىلەپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇش- يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، «ئىككى يول» روھى ۋە چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى پىلانلاپ قۇرۇشنى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە