ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«بىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار»

− جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇلاھىزە (1)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شۈدۇڭ، خەن جيې، ۋاڭ شى

2018.10.09 17:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10- ئاينىڭ 8- كۈنى، سوغۇق شەبنەم. مۇشۇنداق ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇۋاتقان كەچ كۈزدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش باشقىچە چوڭقۇر مەنىگە ئىگە.

  نۆۋەتتە، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى- تاشقى ئىقتىسادىي مۇھىت ئالدىدا، بەزى كىشىلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ ۋە گۇمانلىنىۋاتىدۇ؛ ھەتتا بەزىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «زاۋاللىق نەزەرىيەسى» مۇقامىنى توۋلاۋاتىدۇ...

  «قەدىمدىن بۇيان كىشىلەر كۈزدە مەيۈسلىنىپ قالىدۇ، ئەمما مەن كۈز باھاردىن ياخشى دەيمەن». جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چوڭ لوگىكىسىنى توغرا تونۇپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق ئىگىلىگەندە، قويۇق تۇماننى تارقىتىپ، بۇلۇتنى يېرىپ قۇياشنى كۆرۈش تەس ئەمەس.

  بۇ، دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018- يىلى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقاندا: «بىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار» دەپ ئېيتقىنىغا ئوخشايدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى «مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش» بىلەن «مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇش»قا قانداق قاراش كېرەك؟

  نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنى كۆزەتكەندە مۇنداق ئىككى جۈملە سۆز بار: بىرى، «مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش»؛ يەنە بىرى، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇش».

  «مۇقىم»لىق قايسى تەرەپلەردە؟ «ئۆزگىرىش»نىڭ دەرىجىسى قانچىلىك چوڭ؟ بۇ، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە.

  تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇھىتتا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى، بىر تەرەپچىلىك، سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈردى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوزغىغان ئىقتىساد- سودا سۈركىلىشى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئىچكى جەھەتتىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىلىق زىددىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا دۇچ كەلگەن زىددىيەت مۆلچەردىكىدىن چوڭ بولدى، سېلىنما، ئېكسپورت، ئىستېمال ئىقتىسادقا تۈرتكە بولىدىغان «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا»نىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلاپ قالدى، ئەمەلىي ئىقتىسادتا قىيىنچىلىق ۋە پۇل مۇئامىلە يوشۇرۇن خەۋپى تەڭ مەۋجۇت بولدى.

  «ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى» ئاستىدا ئەندىشىدىن ساقلىنىش تەس. بەزى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پايدىسىنىڭ قالماسلىقىدىن قورقۇپ، «كېتىش بىلەن قېلىش» ئارىسىدا ئارسالدى بولۇۋاتىدۇ؛ دۆلەت ئىچىدىكى بەزى كارخانىلار كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ.

  ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چوڭ دەريانى خادا تاش، خەتەرلىك ساھىللار توسۇپ قالالمىغىنىغا ئوخشاش، گەرچە ئايلىنىش ۋەزىيىتىدە «ئۆزگىرىش» بولسىمۇ، «مۇقىم»لىق يەنىلا باشتىن- ئاخىر نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي رىتىمى بولماقتا.

  «ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى، خەلقئارا كىرىم- چىقىم»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچتىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلمىسى» مەزمۇت، «ئۇلى» پۇختا، مۇستەھكەم:

   −ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى %6.8 بولۇپ، ئۇدا 12 پەسىل %6.7 تىن %6.9 قىچە ئارىلىقتىكى مۇۋاپىق دائىرىدە مۇقىم ئايلاندى؛

  −ئالدىنقى سەككىز ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10 مىليون ئادەمدىن ئاشتى، %5 ئەتراپىدىكى شەھەر- بازارنىڭ تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى تارىختىكى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە بولدى؛

  − 1- ئايدىن 8- ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئۆرلەپ، بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە بولدى؛

  − خەلقئارا كىرىم- چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى، 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا تاشقى پېرىۋوت زاپىسى يەنىلا مول بولۇپ، 3 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى.

  ئامېرىكا تاۋارلىرىمىزدىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالغان تەقدىردىمۇ، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدە يەنىلا نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار بار: 8- ئايدا سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىمەي، ئەكسىچە ئۆرلىدى؛ ئالدىنقى سەككىز ئايدا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى %9 ئېشىپ، 2011- يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئېشىشى %10 تىن يۇقىرى بولدى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 18 مىڭدىن ئاشتى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى يادرو قىلغان يېڭى قۇۋۋەت تېز يېتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى؛ ئىقتىسادتىكى باشلامچى كۆرسەتكۈچ بولغان جۇڭگو ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سېتىۋالغۇچى دىرېكتور كۆرسەتكۈچى (PMI) ئۇدا 26 ئاي چېكىنىش سىزىقىنىڭ ئۈستىدە تۇردى... يەنە «ئومۇمىي مىقدار، قۇرۇلما، سۈپەت، ئۈنۈم»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرسەتكۈچ بويىچە ئۆلچىگەندە، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ھالىتى ئوخشاشلا كۆرۈنەرلىك بولدى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى يەنىلا مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇشتەك يېڭى ۋەزىيەتتە، سېلىنما، ئىستېمال قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەردىكى داۋالغۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قىسقا مەزگىللىك داۋالغۇشنىڭ چېكىنىش ھالىتىگە ئۆزگىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  يېڭى ئۆزگىرىشكە قارىتا، مەركەز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. «ئالتە مۇقىم»مۇ كېيىنكى يېرىم يىللىق سىياسەتنىڭ كۈچەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تاشقى دۇنياغا بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئىشەنچىمىز، قۇربىمىز، شارائىتىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بىر- بىرلەپ قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ ھەم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

  726 مىليون ئادەم(قېتىم) دۆلەت ئىچى ساياھىتى، 600 مىليارد يۈەنگە يېقىن ساياھەت ئىستېمالى، بۇلار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 9 تىن كۆپرەك ئاشتى... مەيلى ساياھەتچىلەر سانى ياكى ئىستېمال سوممىسى بولسۇن، بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدە يەنە تارىخىي يۇقىرى پەللە يارىتىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلىگە ئايلاندى.

  ئەمەلىيەتتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى بوران- چاپقۇنلار سىنىقىدا ئۈزلۈكسىز زورايدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى: مەيلى 1998- يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە ۋە چاڭجياڭ دەرياسىدىكى زور كەلكۈننىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرغاندا بولسۇن ياكى 2008- يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ۋېنچۈەندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەندە بولسۇن، نۇرغۇن قىيىنچىلىق، سىناقنى باشتىن كەچۈرگەن، خىرىسلارنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان جۇڭگو ئىقتىسادى پولاتتەك تاۋلىنىپ، 21- ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان دۇنيادىكى 6- ئورۇندىن ھالقىپ 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورۇنغا ئۆتتى ھەم داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى.

  1979- يىلىلا جۇڭگونى زىيارەت قىلغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى سۋاب يېقىندا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى پات ئارىدا توختايدۇ، دېگەن نۇرغۇن قىياسنىڭ ئاخىرىدا خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، مەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قارىتا باشتىن- ئاخىر ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدىم».

  سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش بىلەن دەل جايىدا كۈچەشكە قانداق قاراش كېرەك؟

  سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش يۈزلىنىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ھوشيار بولۇشقا ئۈندەيدۇ.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە دۆلىتىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 پىرسەنت پوئېنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى يەتتە ئايغا سېلىشتۇرغاندا داۋاملىق 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ئاران % 4.2 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.6 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

  تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سېلىنما باشلامچى كۆرسەتكۈچى تۆۋەن ئورۇندا ئايلانغان: ئالدىنقى سەككىز ئايدىكى سېلىنمىدا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ ئاران %2.1 ئاشقان، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنىڭ پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنمىسى %18.3 تۆۋەنلىگەن.

  سېلىنمىغا نېمە بولدى؟

  ئەگەر تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى پارچىلاپ ئانالىز قىلساق، بۇ يىلدىن بۇيان سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئاساسلىقى ئۇل قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى سەۋەب بولغان؛ ئەمەلىيەتتە، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىشى %8.7 كە يېتىپ، ئومۇمىي سېلىنمىدىن 3.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا بەش ئاي ئۆرلىگەن، ئۆي- مۈلۈك تەرەققىيات سېلىنمىسىمۇ مۇقىم ھالەتنى ساقلىغان.

  ئۇل قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنىڭ ئاستىلىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب مەبلەغ مەسىلىسى. ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىش ۋە خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجى سەۋەبلىك، مالىيە تارماقلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ كىرېدىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، نۇرغۇن جاينىڭ سېلىنما مەبلىغىدە يوچۇق كۆرۈلگەن، يېڭىدىن ئىش باشلانغان بەزى ئۇل قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى مۆلچەردىكىدەك بولمىغان.

  ھەم خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەم «باستۇرۇپ سۇغارماسلىق» كېرەك، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئالدىدا قانداق قىلغاندا سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟

  ئاچقۇچ قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە، مۇھىم نۇقتا كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا. ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىدۇ؛ مالىيە تارماقلىرىمۇ يەرلىكنىڭ 1 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن مەخسۇس زايومنى تارقىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قۇرۇلۇۋاتقان كېيىنكى تۈرلەرگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىدۇ.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بەزى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىشى مۇمكىن. ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنىڭ ئاستىلاش ئىچىدە مۇقىملىققا يۈزلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 8- ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇددىئا خاراكتېرلىك سېلىنما تۈرلىرىنىڭ سېلىنما سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئېشىپ، بۇ يىل 4- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قايتا ئۆرلىگەن؛ ئۇل ئەسلىھە كەسىپلىرىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇددىئا خاراكتېرلىك سېلىنما سوممىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى 1 پىرسەنت پوئېنت دائىرىسىدە تىزگىنلىنىپ، يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش نىسبىتى تارىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، مەبلەغ سېلىش ئىستىكى بەلگىلىك كۈچەيگەن.

  تاشقى جەھەتتىكى تەسىر بىلەن ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە قانداق قاراش كېرەك؟

  ئىقتىساد- سودا سۈركىلىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش زۆرۈر.

  نۇرغۇن كارخانا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خەۋپ- خەتەردىن ساقلىنىپ، ئالدىن زاكاز قىلغاچقا، نۆۋەتتە تاشقى سودا، بولۇپمۇ ئېكسپورت ۋەزىيىتى تېخى زور تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئېكسپورت- ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 20 مىليارد دوللار بولۇپ، %16.1 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 1 تىرىليون 600 مىليارد دوللار بولۇپ، % 12.2 ئاشتى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا سۆھبەت ۋەكىلى، قوشۇمچە مۇئاۋىن مىنىستىر فۇ زىيىڭ مۇنداق دېدى: قىسمەن سودا سۈركىلىشى بولسىمۇ، بىراق مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، كېيىنكى ئېكسپورتتا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بەزى زەربىلەرگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش قىيىن، ئىقتىساد ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ مەلۇم دەرىجىدە كۆرۈلىدۇ. بىراق، ئېكسپورتنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئۇنچىۋالا ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

  بىر نەچچە قېتىملىق تۇتۇشۇشتىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو تاۋارلىرىغا قوشۇپ ئالىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 250 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن ئەمەلىي تەسىرى تەسەۋۋۇردىكىدەك ئۇنچىۋالا زور بولمىدى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇڭ گوچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باج قوشۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنە بەلگىلىك نىسبەتتە داۋاملىق ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ، يەنە بەزى تاۋارلار 3- تەرەپ بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ، «مەيلى بىزنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتىمىزغا بولسۇن، ياكى ئومۇمىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولسۇن، ئۇنىڭ خەۋپ- خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ».

  تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، جۇڭگونىڭ سودا ھەمراھى 231 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى، گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسى سىجىل، نىسبەتەن تېز ئاشماقتا؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان ئىچكىرىلەپ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مال سودىسى ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى 5 تىرىليون 500 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىغا بېقىنىش دەرىجىسى %64 كە يەتكەنىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ئەندىزىسىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئېكسپورت يېتەكچىلىكىدىن ئىچكى ئېھتىياج تۈرتكىسىگە يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، 2017- يىلى تاشقى سودىغا بېقىنىش دەرىجىسى تەخمىنەن %33.5 كە تۆۋەنلىدى، ئېكسپورتقا بېقىنىش دەرىجىسى تەخمىنەن %18.5 كە تۆۋەنلىدى.

  «خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، خەۋپ ئىچىدىن شۇنچە پۇرسەت ئىزدەش كېرەك». كۆپ قېتىم سودا سۈركىلىشىنى باشتىن كەچۈرگەن تيەنخې يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى گاۋ جىفەن مۇنداق دېدى: پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ۋە دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىپ، كارخانىمىز رىقابەتلىشىش ۋە خىرىس جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى، ھازىر مەھسۇلاتىمىزنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكا بازارلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەنلىمەي، ئەكسىچە ئۆرلىدى.

  پايدىسىز ۋەزىيەتتە تەرەققىي قىلغان بۇ كارخانىلار دەل ھازىرقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن بىر مەقسەتتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلغانلىقىنىڭ، تاشقى بېسىمنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

  تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، جۇڭگو ئۆزىنىڭ بېكىتكەن ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە رىتىمى ئاساسىدا، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىشنى ئەستايىدىل، پۇختا قىلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەن روھىي ھالىتى ۋە سالماق خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

  جۇڭگو- ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئېلان قىلغان «2018- يىللىق جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %60 زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كارخانا جۇڭگونى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئۈچ چوڭ مەبلەغ سېلىش مەنزىلىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن، %74 ئەزا كارخانا جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت بولغان.

  «بىز جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىستىقبالى يەنىلا ئىنتايىن ياخشى دەپ قارايمىز، كەلگۈسىدە سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار.» جەنۇبىي جۇڭگو- ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى خارلېي سېيېدىننىڭ بۇ سۆزى جۇڭگو بازىرىنى چوڭقۇر ئاچىدىغان نۇرغۇن چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

  ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قانداق قاراش كېرەك؟

  تاشقى مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، نۆۋەتتە ئىستېمالنىڭ ئاستىلىشىغا قارىتا سۆز- چۆچەك كۆپ بولماقتا، بەزىلەر ھەتتا چىلىغان سەي كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىشى، توردا مال سېتىۋېلىش سۇپىلىرىنىڭ ئاۋاتلىشىشىنى «ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشى»نىڭ دەلىلى قىلماقتا.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سودا- تاشقى ئىقتىساد مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى لۇ شەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8- ئايدا ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشتى؛ 1- ئايدىن 8- ئايغىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 7- ئايغىچە تەڭلەشتى، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى مۇقىملىق ئىچىدە ئۆرلىمەكتە.

  گەرچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى 1.1 پىرسەنت پوئېنت ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندىكى %9.3 لىك ئېشىش سۈرئىتىمۇ ھەقىقەتەن ئاستا ئەمەس: بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 24 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %78.5 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

  كۆرسەتكۈچتىكى ئۆزگىرىش پەقەت بىر ئۆلچەم، جۇڭگو ئىستېمالىنى كۆزىتىش تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىگە ئېھتىياجلىق.

  بۈگۈنكى كۈندە ئىستېمالدىكى يېڭى تەمىنلەش، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى يوللارنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشى كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاشقا ئىگە قىلماقتا. توردا مال سېتىۋېلىشنى مىسالغا ئالساق، ئالدىنقى سەككىز ئايدا مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 5 تىرىليون 519 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %28.2 ئاشتى.

  ئامېرىكا پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى نىگولاس لاردىي ماقالە ئېلان قىلىپ: جۇڭگو ئىستېمالىنىڭ پەسەيگەنلىكى توغرىسىدا تېخى تولۇق دەلىل- ئىسپات يوق، دېدى. ئۇ جۇڭگودىكى زور ھەم سىجىل زورىيىۋاتقان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ تېخىمۇ زور نىسبەتتىكى كىرىمنى مائارىپ، داۋالاش، ساياھەت ۋە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىغا كىرگۈزۈلمىگەن باشقا مۇلازىمەت ساھەلىرىگە سېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى.

  ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانلىق مەلۇماتنىلا مىسال ئالساق، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر 2 مىليارد 800 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئاشقان؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنھەرىكەت- چېنىقىش چىقىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.3 ئاشقان... ھەر بىر سانلىق مەلۇماتتىن مۇلازىمەت ئىستېمال بازىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى نامايان بولماقتا.

  شەك- شۈبھىسىزكى، ئىستېمال بازىرى ئاۋاتلىشىش بىلەن بىللە، كىرىم پەرقى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولۇش، مۇلازىمەت ساھەسىدە تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق، بىر قىسىم ساھەلەردە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت باھاسى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق «ئىستېمال ئاغرىق نۇقتىسى» يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئارزۇسىنى سىقىپ چىقىرىش ئېففېكتى پەيدا قىلماقتا، بۇنى تەرەققىيات داۋامىدا ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ئىمكانقەدەر تېز ھەل قىلىش زۆرۈر.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا ئىستېمال تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىرنى قاراتمىلىق ئېلان قىلدى، بۇ شەكسىزكى ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تارقىتىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان زاتلار شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىتتا، جۇڭگو ھەرىكەت قىلماقتا، كېيىنكى يېرىم يىلدا مەركەزدىن تارماقلارغىچە ئېچىلىدىغان تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلىق ئىقتىساد يىغىنلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەر چىقىرىلىدۇ: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بېرىلىپ، پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسى %9.8 تىن%7.5 كە تۆۋەنلىتىلىدۇ... كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان بىر قاتار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، يۇقىرى- تۆۋەن ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى زور بولۇشتەك تەرەققىيات ئاساسىي ئامىلى ئۆزگەرمىدى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە، 900 مىليون ئەمگەكچى، 800 مىليون تور ئەھلى، 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى... ھە دېسىلا «100 مىليون» بىلەن ھېسابلىنىدىغان بازار بوشلۇقى چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ، بىزنىڭ «ئۆزگىرىش ئىچىدە غەلىبە قازىنالىشىمىز»نىڭ ئاساسىدۇر.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلق بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى، جۇڭگو مول ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، سىياسەت قورالى يېتەرلىك، سىياسەت بوشلۇقى ناھايىتى زور، بۇ، بىزنىڭ «ئۆزگىرىش ئىچىدە غەلىبە قازىنالىشىمىز»نىڭ ئىشەنچ ئاساسىدۇر.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە