ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبىرى ئىلى، ئاقسۇ، بايىنغولىن قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ، خىزمەتلەرگە نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلدى

قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە خوتنى يۆتكەپ سۈرئەتنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2018.10.08 14:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جياڭ خۇلى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن سانجى، ئىلى، بورتالا، تۇرپان، ئاقسۇ، بايىنغولىن، قاراماي قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلدى.

  نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، دىققەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشى؛ بىر قولدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشى؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر قېزىشى، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشى؛ يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى؛ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى 12 تۈرلۈك مەسىلىنى مەركەزلىك تۈزەپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە خوتنى يۆتكەپ سۈرئەتنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتكومنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. تۈزۈلمە- مېخانىزمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاپ، ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئىقتىدار ساپانى ئۆستۈرۈپ، سادىق، قەتئىي، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، پاك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

  نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 15 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى 39 كارخانا، ئالىي مەكتەپ ۋە ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلدى ھەم ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان