ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە «100 كەنت، 1000 زاۋۇت» ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ

2018.10.07 17:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9- ئاينىڭ 25- كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سانائەت رايونىدا ھەممەيلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. كەشتىچىلىك سېخىدا، كەشتە ماشىنىسىنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازىغا ئەگىشىپ، كەشتە بۇيۇملىرى كەينى- كەينىدىن پۈتۈپ چىقىۋاتاتتى. ئىشچى ماھىرە كېۋىر ئارتۇقچە كەشتە يىپلىرىنى قىرقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش تۈرى بولغان «100 كەنت، 1000 زاۋۇت» قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ماھىرە دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى. ماھىرەگە ئوخشاش 300دىن ئارتۇق ئايال ئىشچى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سانائەت رايونىدا ئىشلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاي كەنتى ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىن كەلگەن ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى.

  30 ياشلىق ماھىرە جاي كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سانائەت رايونىنىڭ كەشتىچىلىك سېخىغا ئىشقا چۈشكىنىگە يېرىم يىل بولدى، ھازىر ئۇ كەشتە ماشىنىسى باشقۇرغۇچى. ماھىرە مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سانائەت رايونىغا كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان كۈنلىرىم مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىر ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، مەن داۋاملىق ئىشلىمەكچى بولۇۋاتىمەن.

  جاي كەنتى ئېغىر نامرات كەنت، ئىلگىرى كەنتتە سەيپۇڭخانا، گىلەم كارخانىسى بار ئىدى، بىراق كۆلىمى كىچىك، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى جەلپ قىلىشى چەكلىك ئىدى. جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پائال مەبلەغ توپلاپ، جاي كەنتىگە كىيىم- كېچەك ھەمراھ زاۋۇتىنى كىرگۈزۈپ قۇرۇپ، جاي كەنتى ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپ گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ يى مۇنداق دېدى: بىز توقسۇ ناھىيەسىدىكى 12 كەنتكە 12 ھەمراھ زاۋۇتنى كىرگۈزۈپ قۇرۇش، 2000دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق، ھازىر تۆت ھەمراھ زاۋۇتنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، 500 نەچچە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق.

  گۈلنىساخان تىلەم كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى ئۈستۈنكى قاشئېرىق كەنتىدىكى دېھقان، ئائىلىسىدە بەش جان بار، ئۇنىڭ تۆت مو يېرى بولۇپ، تۇرمۇشى ناھايىتى غورىگىل ئۆتەتتى. 2017- يىلى 5- ئايدا، گۈلنىساخان ئىگىلىك تىكلەش سانائەت رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئېرى مەكتەپتە ئامانلىق ساقلىغۇچى بولدى. گۈلنىساخان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: زاۋۇت ئۆيۈمگە يېقىن، بالامنى كەنت يەسلىسىگە ئەكىرىپ قويۇپ، زاۋۇتقا كىرىپ خاتىرجەم ئىشلەيمەن. ھازىر ئېرىم بىلەن ئايدا 5000 يۈەن تاپىمىز، يېڭىدىن ئەمىن ئۆي سېلىۋالدۇق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

  جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپ ۋە قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ گوبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «100 كەنت، 1000 زاۋۇت» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خۇجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان باقمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، پايپاقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ، ھەمراھ زاۋۇت ۋە نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قۇرۇپ، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. قوماندانلىق ئىشتابى كىرگۈزگەن ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ بەش كارخانىسى بىۋاسىتە 800دىن كۆپرەك ئىش ئورنى يارىتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 120 نامرات ئاھالىنى ئالدىن قوبۇل قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يىل قوماندانلىق ئىشتابى يەنە 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئاممىنى خاتىرجەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرى ۋە بىڭتۈەن 1- شىسى ئارال شەھىرىنىڭ قىسمەن تۈەن- مەيدانلىرىدا قۇرۇلۇش كۆلىمى 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان 200 ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى(سېخى)نى يېڭىدىن قۇرۇپ، يېزىلاردىكى 10 مىڭ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تىرىشىپ ياردەم بېرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 500 نامرات ئاھالە بار ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر