ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقى گەۋدىلەندى

مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، يې شياۋمىن، دۇڭ لياڭ

2018.10.05 17:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر بەس- بەستە مۇزېي، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارايلىرىغا بېرىپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى؛ تىياتىرخانىلارغا كىرىپ دىراما ۋە ئويۇن كۆرۈپ، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

  مۇزېيدا تارىخنى ئۆگىنىش

  10- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئادەملەر مىغ- مىغ ئىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، خەلقئارادىكى دوستلار... ئېكسكۇرسىيەچىلەر مۇزېينىڭ ھەرقايسى كۆرگەزمە زالىغا لىق تولغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.

  1- قەۋەتتىكى زالنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى قىپقىزىل چوڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا دۆلەت بايرىمىلىق قويۇق كەيپىيات نامايان قىلىنىۋاتاتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى ۋە «باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن قەلبداش» دېگەن ئېلېكتىرونلۇق لوزۇنكا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر بۇ جايدا بەس- بەستە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى.

  زالنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى غەربىي يۇرت تارىخىغا ئائىت ئەسلىمىلەر كۆرگەزمە زالى ۋە شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەت كۆرگەزمە زالى شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتىنى چۈشىنىشتىكى چوقۇم ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان جاي بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا- ئانا بالىلىرىنى ئېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتاتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم مەمەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بالىسىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، كۆرگەزمىنى كۆرگەچ، بالىسىغا غەربىي يۇرت تارىخىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

  ئابدۇقېيۇم مەمەت مۇنداق دېدى: بالامنى مۇزېيغا ئېلىپ كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، بالامنىڭ بىلىمىنى ئاشۇردۇم، تېخىمۇ مۇھىمى، بالامغا شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بەردىم.

  مۇزېينىڭ 2- قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «نىيە. ئارخېئولوگىيە. ھېكايە − جۇڭگو- ياپونىيە نىيە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»دە، كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى «شەرقتىن چىقسا بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئىقلىمغا نەپ يېتەر» دېگەن ئىبارىلەر پۈتۈلگەن رەڭلىك بىلەك قوغدىغۇچ بولۇپ، نەپىس، كەمدىن- كەم ئۇچرايدىغان كىمخاب، قىزغىن، جانلىق چۈشەندۈرۈشلەر كىشىلەرنىڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. شەنشىلىك ساياھەتچى لى چىڭ مۇنداق دېدى: نىيە خارابىسى دۇنياغا داڭلىق، بۈگۈن بۇ گۆھەرلەرنى كۆرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول جۇغلانمىسى ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدىم، بۇ قېتىم شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىپ مول بىلىمگە ئېرىشتىم!

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئىجتىمائىي تەربىيە بۆلۈمىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى جوۋ نىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «نىيە. ئارخېئولوگىيە. ھېكايە − جۇڭگو- ياپونىيە نىيە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» بىلەن «بىپايان قۇملۇقتىكى بىباھا كىيىم − شىنجاڭنىڭ قەدىمكى دەۋر كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى»دىن ئىبارەت ئىككى كۆرگەزمە زالى يېقىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 9- ئاينىڭ 22- كۈنى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىپايان قۇملۇقتىكى بىباھا كىيىم كۆرگەزمە زالىدا، كىمخاب، كەشتە، تاۋار- دۇردۇن، ھىلھىلەدىن تۈرلۈك كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىغىچە، تاماشىبىنلارغا تېخىمۇ ئەتراپلىق، مول «كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى كاتتا كۆرگەزمىسى» نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز، قىزغىن مۇھەببىتى ئۇرغۇتۇلدى.

  جوۋ نىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئادەتتىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، 10- ئاينىڭ 2 -، 3- كۈنلىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەر 9000 ئادەم (قېتىم) دىن ئېشىپ كەتتى.

  كۇتۇپخانىلاردا كىشىلەر بىلىم تولۇقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى كىتاب سېتىۋېلىش مەركىزى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بۇ يەرگە كېلىپ كىتاب سېتىۋالدى، كىتاب ئارىيەت ئالدى، كۈنىگە بۇ ئىككى جايغا كەلگەنلەرنىڭ سانى 2500- 4000 ئادەم (قېتىم) غىچە بولدى.

  10- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى كىتاب سېتىۋېلىش مەركىزىدە، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى كىتاب جازىسى يېنىدىلا ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتاتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى كىتاب سېتىۋالغىلى كەلگەن مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولاتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ئادەتتە خىزمىتىمىز ئالدىراش بولغاچقا، بۇ قېتىمقى دەم ئېلىشتا ئەر- خوتۇن ئىككىمىز بالىمىزغا ھەمراھ بولۇپ كىتابخانىغا كىتاب سېتىۋالغىلى كەلدۇق، بىز بالىمىز بىلەن بىللە ئۆگىنىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى كىتاب سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدە، ھەركۈنى كىتابخانىغا كەلگەنلەرنىڭ سانى 4000 ئادەم (قېتىم) گە يېقىنلاشتى. ئىلگىرىكى يىللاردىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى نەچچە كۈندە، كىتابخانىغا كېلىدىغانلار داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن.

  ۋاڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كىتابخانىمىز نۇرغۇن يېڭى كىتاب كىرگۈزدى، خىزمەتچىلەر خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، كىتابلارنى ۋاقتىدا تولۇقلاش بىلەن بىللە، يەنە كىتاب سېتىۋالغىلى كەلگەن ئىستېمالچىلارغا تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ تەكرار قىلىش ئۆيى، كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش رايونىدا كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. كۇتۇپخانىدىكى ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلار بىلەن بىللە دۆلەت تىلىدىكى كىلاسسىك كىتابلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇش كۇرسى، مەدەنىيەت مۇنبىرى پائالىيىتى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى جىن يىشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بايرام مەزگىلىدە، كۇتۇپخانىدىكى سەككىز مۇلازىمەت كۆزنىكىنىڭ ھەممىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، شەھەر ئاھالىلىرى كىتابلارنى ئالدىن زاكاز قىلسا بولىدۇ، كۇتۇپخانىمىز يەنە شەھەر رايونىدا كىتابنى ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ بىرنەچچە كۈندە كۇتۇپخانىمىزغا كەلگەنلەر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2500- 3000 ئادەم (قېتىم) غىچە بولۇۋاتىدۇ، بالىلىرىنى ئېلىپ كىتاب ئارىيەت ئالغىلى كەلگەن ئاتا- ئانىلار ناھايىتى كۆپ، مەدەنىيەت ئىستېمالىدىن بەھرىمەن بولۇشمۇ دەم ئېلىشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بولۇپ قالدى.

  مەدەنىيەت سارايلىرىدا قىزىقارلىق پائالىيەتلەر كۆپ بولدى

  شياڭشېڭ، بالىلار تىياتىرى كۆرۈش، چېنىقىش سارايلىرىغا بېرىپ چېنىقىش، ھۆسنخەت، رەسىم، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلىنىش... دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مول، رەڭگارەڭ بولدى، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  10- ئاينىڭ 2- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ما ۋېيشيا ئاتا- ئانىسى ۋە بالىسىنى ئېلىپ شىنجاڭ شياڭشېڭ بازىرىغا كېلىپ، ئەلنەغمە نومۇرلىرىنى كۆردى. ما ۋېيشيا مۇنداق دېدى: شياڭشېڭ، كۇەيبەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتى، دۆلەت بايرىمىدا، ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە بۇ نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.

  شەھەر ئاھالىسى جو خۇيگۈي شۇ كۈنى بالىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسىغا كېلىپ «بالىلار چۆچەكلىرى بازىرىنى كىم قۇتقۇزۇۋالدى» دېگەن بالىلار تىياتىرىنى كۆردى. جو خۇيگۈي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر تۈرلۈك مۇنەۋۋەر تىياتىرلار كۆپ قويۇلۇۋاتىدۇ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، بالىلارنى ئېلىپ ئويۇن كۆرۈشتە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىمىز بار، بۇ، ھەقىقەتەن ياخشى بولدى.

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «5445» چېنىقىش مەيدانى ئاممىنىڭ چېنىقىش بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ خادىملىرىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ چېنىقىۋاتاتتى. تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لېي جيەنمېي مۇنداق دېدى: دەم ئېلىش پۇرسىتىدە خادىملارنى ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ يەرگە كېلىپ، ھەم چېنىقتۇق، ھەم بېسىمنى يېنىكلەتتۇق،كوللېكتىپىمىزنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنىمۇ ئاشۇردۇق.

  دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى «مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» بىلەن ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسىدا خور، مۇزىكا ئاڭلىيالايدۇ، شىنجۇڭ تىياتىرخانىسىدا چىنچياڭ ئەلنەغمىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، ئىيۇل رەستىسى شۈيمو تىياتىرخانىسىدا شياڭشېڭ ئاڭلىيالايدۇ...

  كالېشى YOHO مەيدانىدا، ئىيۇل رەستىسىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار ھۆسنخەت، جۇڭگوچە رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق، شېكەر سەنئىتى، شياڭشېڭ قاتارلىق سەنئەتلەرنى نامايان قىلىپ، نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. ئىيۇل رەستىسى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «سەنئەتنى سودا سارايلىرىغا يەتكۈزۈش»تىن باشقا، شىنجاڭ شياڭشېڭ بازىرىدا يەنە تاللانغان ئېسىل ئويۇنلارنى مەخسۇس كۆرسەتتى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ھەرقايسى چوڭ تىياتىر ئۆمەكلىرىمۇ ئايرىم- ئايرىم ھالدا كۆپ مەيدان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويدى. ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى 9- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدەملىرى» ناملىق دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنىنى ئۇدا قويدى. دىراما ئۆمىكى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاۋات ناھىيەسىگە بېرىپ، 20 مەيدانغا يېقىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان