ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز «سەھىيە ئۈچ ھەمتۈرتكە» ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى

2018.10.03 16:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ راسچوت زالىدا، ئەمدىلا راسچوت رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ھازىر راسچوت رەسمىيىتىنى بېجىرىش ناھايىتى قولايلىشىپتۇ، دوختۇرخانىدا ياتقاندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى راسچوت مەركىزىگە رەنىگە قويسىلا بولىدىكەن، دوختۇرخانىدىن چىققاندا بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىنىدىكەن، ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئاسانلىشىپتۇ.

  بۇلتۇردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ «<13- بەش يىل> داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز «سەھىيە ئۈچ ھەمتۈرتكە» ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندۈردى.

  «سەھىيە ئۈچ ھەمتۈرتكە» ئىسلاھاتى داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇتەللىپ روزى مۇنداق دېدى: داۋالاش جەھەتتە ئاساسلىقى ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش تۈزۈمى، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەم تولۇق، مۇكەممەل بولغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىشلىتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش، سەھىيە بايلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، جايلارنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كۆپ خىل شەكىلدىكى دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تۇنجى دىياگنوزنى ئاساسىي قاتلامدا قويۇش، قوش يۆنىلىشتە يۆتكەپ داۋالاش، جىددىي، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئايرىپ داۋالاش، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشتەك داۋالىنىش يېڭى تەرتىپىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش ۋە باشقۇرۇش بىلەن ئىش بېجىرىشنى ئايرىشنى يولغا قويۇپ، دوختۇرخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ئايلىنىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆلىنىدىغان ئومۇمىي ھەق سوممىسىنى تىزگىنلەش ئاساسىدىكى كېسەل تۈرىگە ئاساسەن ھەق تۆلەشنى ئاساس، كىشى بېشى، كۈندىلىك كارىۋات ھەققىگە ئاساسەن ھەق تۆلەش قاتارلىق كۆپ خىل تۆلەش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن بىرىكمە تۆلەش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتى. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىقلار ئۇدۇللىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئۆزئارا تۇتىشىدىغان بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان مېخانىزمنى قۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى زور دەرىجىدە قولايلاشتۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ راسچوت خادىمى ۋۇ خەيپېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاغرىق ھېساباتنى بوغۇپ بولغاندىن كېيىن، تالوننى ئېلىپ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە بېرىپ ئاتچوت قىلدۇراتتى. ھازىر «بىر كۆزنەك»تىلا ھېسابات بوغۇلۇپ، بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىنىدۇ، بۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى رېن ۋېنجۈەن: دورىدا پەرقسىز باھا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاغرىقلارنىڭ دورا ھەققى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، دېدى. كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز تۆۋەن باھالىق دورا ئىشلەپچىقىرىشنى پائال يۆلەپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دورا باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت قۇرغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش نەتىجىسىنى پۇختىلاپ، يېڭىدىن تەڭشەلگەن دۆلەت ئاساسىي دورا تىزىملىكىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىدىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەتنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي دورىنى ئالدىن ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تۆۋەنلەتتى.

  مۇتەللىپ روزى مۇنداق دېدى: 2017- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، «سەھىيە ئۈچ ھەمتۈرتكە» ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدى، يېقىندا يەنە ئالاقە تورى + داۋالاش- ساغلاملىق، داۋالاش- سەھىيە كەسىپلىرىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى تۈزۈم لايىھەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، «سەھىيە ئۈچ ھەمتۈرتكە» ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە