ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كۆپ نۇقتىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، كۆپ خىل كەسىپ يۇغۇرۇلدى

سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت كەسپى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

2018.10.02 18:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سەھەردە سۇلۇق يەر توغراق مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي ئوكسىگېنخانىدا ئوكسىگېن سۈمۈرىمەن، چېنىقىمەن، كەچتە دەريا بويىدىكى باغچىدا سەيلە قىلىمەن، ھاۋا ئوچۇق چاغدا خوتۇنۇم بىلەن بىللە تاڭبۇلا يايلىقىغا بېرىپ ئاپئاق قارلىق تاغ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىمىز... خۇنەنلىك 66 ياشلىق ساياھەتچى فاڭ مىڭچياڭ خوتۇنىنى ئېلىپ نىلقا ناھىيەسىدىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش پاراۋانلىق رايونىدا ئۈچ ئايلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولۇپ، چىن قەلبىدىن خۇشال بولغان ھالدا: شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن! دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ئورمان، ئوتلاق، ئارشاڭ، قۇملۇق قاتارلىق دەم ئېلىپ داۋالىنىش بايلىقىغا تايىنىپ، ئەسلىدىكى ئىستىراھەت- ئارام ئېلىش بازىسى ئاساسىدا، بىر تۈركۈم سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش بازىسى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت لىنىيەسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. مەسىلەن، شىخونىڭ فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى دەپسەڭ مەنزىرە رايونىدىكى «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا»، تۇرپاننىڭ «قۇم بىلەن داۋالاش كىچىك بازىرى»، گۇچۇڭنىڭ جامبۇلاق تىيانشان مەيخەي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش باغچىسى قاتارلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت كەسىپلىرىدە كۆپ نۇقتىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، كۆپ خىل كەسىپ يۇغۇرۇلغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە يەنە بىر «كۈچ» قوشۇلدى.

  نىلقا ناھىيەسى بەرپا قىلغان «پەسىل قۇشى شەكلى»دىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش بازىسى ھەر يىلى جياڭسۇ، شاڭخەي، خۇنەن، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. فاڭ مىڭچياڭ تۇرۇۋاتقان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش يۈرۈشلۈك ئۆيىدە ئاشخانا، مېھمانخانا، تاماقخانا تولۇق بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا يەنە گۈللۈك ۋە كۆكتاتلىق بار؛ ئىشىكتىن چىقىپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ 50 مېتىرچە ماڭغاندا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە فىزىكىلىق داۋالاش رايونىغا بارغىلى بولىدۇ، بۇ يەردە جۇڭيىچە، غەربچە داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەنگىلى بولىدۇ.

  قۇم بىلەن داۋالاش بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تۇرپان شەھىرى رېماتىزمنى داۋالاش بازىسى قۇرۇۋاتىدۇ. تۇرپان شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قۇم بىلەن داۋالاش مەركىزى بۇ يىل 6- ئاينىڭ بېشىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن باشلاپ 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن 40 مىڭ ساياھەتچى(قېتىم)نى كۈتۈۋالدى، ئۇلارنىڭ %60 ى شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى «ئولتۇراقلىشىشقا باب نەنسەن، ئېكولوگىيەلىك نەنسەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان نەنسەن، قايناق ھېسسىياتقا تولغان نەنسەن»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، نەنسەن ساياھەت بازىسىنى يادرولۇق رايون قىلغان 70 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە، «بازا تۈرتكە بولىدىغان، ئىككى قانات تەڭ قاقىدىغان» سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

  گۇچۇڭ ناھىيەسى جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتىدىكى ئون ياخشى ئېسىل لىنىيە جامبۇلاق تاغلىق دالا تۈرلىرى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 60 كىلومېتىرلىق تاشئالما يولى، نەنسەن تاشيولىغا يانداش پىيادىلەر يولى، ۋېلىسىپىت يولى قاتارلىقلارنى ياساپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ خەلقئارا يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش تەكلىپ مۇسابىقىسى، جامبۇلاقنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش جيانيەنخۇا ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى قاتارلىق تەنتەربىيە- چېنىقىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھىتى ساياھەتچىلىكتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىشتىكى گۈللەنمە كەسىپ. ئاپتونوم رايونىمىز ھازىر بىر يادرو «ئۈرۈمچى − نەنسەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت كەسپى بازىسى»، ئىككى كارىدور «تىيانشان شىمالىي ئېتىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت كەسپى بەلبېغى، غەربىي تىيانشان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت كەسپى بەلبېغى»، ئۈچ تىرەك «تۇرپان، خوتەن، ئالتاي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت كەسپى تىرەك رايونى» قاتارلىق بىر تۈركۈم كەسىپ ئامىللىرى تولۇق، كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەل، جامائەت مۇلازىمىتى مۇكەممەل بولغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- كۈتۈنۈش ساياھەت كەسپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل