ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى يەنە ئۆستۈردى

قىيىنچىلىقى بار 2 مىليون 640 مىڭ ئامما مەنپەئەتلەندى

2018.10.02 17:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ جىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوتتۇرىچە تولۇقلىما سەۋىيەسى 2017- يىلىدىكى ئېيىغا 310 يۈەندىن ئېيىغا 325 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوتتۇرىچە تولۇقلىما سەۋىيەسى 2017- يىلىدىكى ئېيىغا 176 يۈەندىن ئېيىغا 200 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. ئاپتونوم رايون بويىچە قىيىنچىلىقى بار 2 مىليون 640 مىڭ ئامما بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن.

  دەل بېكىتىش، سۇغۇرتىغا دەل قاتناشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيەدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ياردەمچى خادىملىقىنى قوشۇمچە ئۆتەش ۋە تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنىڭ دەل جايىدا بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھەممىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى 2017- يىلىنىڭ بېشىدىكى 1 مىليون 665 مىڭ كىشىدىن 2 مىليون 100 مىڭ كىشىگە كۆپەيدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى 1 مىليون 500 مىڭ كىشى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ %71 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئېغىر نامرات رايونلاردىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان 320 مىڭ ئوبيېكتنىڭ ھەممىسى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر توختى ياقۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر- يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنىڭ يەنە ئۆستۈرۈلگەنلىكى «خەلقنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئېلىپ كەلگەن پايدىدۇر. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل