ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

2018.10.01 17:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى تۈزەشتۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، جۇ جىچەي). ئۇرغۇپ تۇرغان قەھرىمانلار جاسارىتى، ئۇلۇغۋار دۆلەت روھى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

  ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلاتتى. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» دېگەن خەت تىزىلغان غايەت زور گۈل سېۋىتى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ، قۇدرەت تېپىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكلەرنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، شىمالىي تەرەپتىكى گۈللۈكتە قىزىل، ئاق ئىككى خىل گۈلدىن ياسالغان گۈلچەمبىرەك خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قەھرىمانلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

  سائەت 10 غا يېقىنلاشقاندا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى مۇزىكىسى»نى ياڭراتتى، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان مېلودىيە كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىسىنى داۋالغۇپ تۇرغان تارىخىي يىللارغا باشلاپ باردى.

  «ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تەييارلىنىڭلار!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانە، مەزمۇت، ھۆرمەت قەدەم بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇردى.

  دەل سائەت 10 دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

  دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

  تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۈل تۇتقان ئۆسمۈرلەر، بالىلار خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى»نى ئوقۇدى ھەم پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.

  ئامما تۈزگەن چاسا ئەترەت ئالدىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسى، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان چوڭ تىپتىكى توققۇز گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغانىدى. گۈل سېۋەتلىرىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك چوڭ خەتلەر يېزىلغانىدى.

  ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسىنى ئورۇنلىغاندا، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا قاراپ مېڭىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇل تەكچىسىگە قويدى.

  شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئارقىدىن خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، خېلى ئۇزاق سۈكۈتتە تۇردى. ئوتقاشتەك خۇڭجاڭ، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلسامساق، چىرايلىق ئاسىيا مەرۋايىتگۈلىگە خەلق قەھرىمانلىرىنى چوڭقۇر ئەسلەش ۋە ئالىي ئېھتىرام مۇجەسسەملەنگەنىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوڭشاپ قويدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كۈچلۈك دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى يېپيېڭى قىياپەتتە ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى بويلاپ مەردانە ئىلگىرىلىمەكتە.

  ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرىمۇ نۆۋەت بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، گۈل تەقدىم قىلدى ۋە خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، بىر قىسىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 16- قارارلىق ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى مۇھاكىمە كۇرسىدىكى كۇرسانتلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
  9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان