ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن

گوۋۇيۈەن دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى، لى كېچياڭ تەبرىك سۆزى قىلدى خەن جېڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.10.01 17:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلار بىلەن خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇتلۇق بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە، گوۋۇيۈەن خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 1200 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلار بىلەن خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىغا رەڭدار پانۇسلار ئېسىلىپ، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر تىزىلىپ، زال قىزغىن بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، «2018 - 1949» دېگەن چوڭ خەتلىك يىل نامى ئوتقاشتەك قىزىل بايراق ئۈستىدە كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

  سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە «مەرھابا كۈيى» ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى؛ شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى؛ جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان خەلقئارادىكى بارلىق دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگونىڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي مۇساپىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، دۆلەتنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن ئۇلۇغ مۇساپە. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى ۋە تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىسلارغا تەمكىن تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ جۇڭگونىڭ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، خەۋپ- خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىدۇق. تۈرلۈك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىدۇق. تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشتە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. خەلق تۇرمۇشى ۋە خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق سىجىل بىخەتەر ۋە مۇقىم بولدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدۇق.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى. ئىسلاھات جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، تەرەققىيات جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. ۋەزىيەتتىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىش بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار ئۈچۈن بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىچىلار ۋە پەن- تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان تۈگىمەس ئىجادىيەت كۈچىنى تېخىمۇ قوزغىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپچىلىك سىستېمىسىنى قەتئىي قوغداپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىغا ھەقىقىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىش نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىلارنى بارلىق ئاماللار بىلەن تىرىشىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سېلىنمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىز «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا سىڭىشىشىنى قوللاپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن بىلەن ئورتاق گۈللىنىشى، يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېنلارنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «92- يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، ھەرقانداق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستى ۋە ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز يول قويماي، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد- مەدەنىيەت ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتە كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە كارخانىلارنى تېخىمۇ كەڭ بازار، تېخىمۇ كۆپ خىل تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدە ئورتاق كېڭىشىشنى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەت كېسىشىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىشنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ ئىش بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە موھتاج. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشايلى!

  شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار، دوستلار قەدەھ كۆتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان ۋە سالامەت بولۇشىغا، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. كامبودژا پادىشاھى سىخامونى تەكلىپكە بىنائەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، ئىلگىرى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان يولداشلار بار.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، مىللىي رايونلارنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل زاتلار، بېيجىڭدىكى قىسمەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ زاتلىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ زاتلىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان قىسمەن چەت ئەللىك مېھمانلار، خەلقئارادىكى داڭلىق زاتلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، قىسمەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىمۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان