ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.10.01 17:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە كۈچلۈك يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ، زور تالاپەت ۋە مال- مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق بىئارام بولدۇم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزگە، شۇنداقلا سىز ئارقىلىق قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن، يارىلانغانلاردىن ۋە ئاپەت رايونىدىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  ھىندونېزىيە جۇڭگونىڭ دوستانە قوشنىسى. ھىندونېزىيە خەلقى ئاپەتكە ئۇچرىسا، جۇڭگو تەرەپ ئۆزى ئاپەتكە ئۇچرىغاندەك ھېسسىياتتا بولىدۇ، ھىندونېزىيە تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايمىز. ئىشىنىمەنكى، سىز ۋە دۆلىتىڭلار ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھىندونېزىيە خەلقى چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يۇرت- ماكانىنى بالدۇرراق قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان