ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ» نى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش كېرەك

2018.10.01 17:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنىدا 9- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئاممىسى ياراتقان تەجرىبە ۋە دۇچ كەلگەن ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارقىتىش ۋاسىتىسى ۋە سۆز قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقاتنىڭ قاراتمىلىقلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل، ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى قوغدىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەملىكەتلىك ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى تۈگىتىشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋر شىنجاڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان