ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شېنجېن شىنجاڭ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تالاش- تارتىشىنى ھەل قىلىش مەركىزىنى ئورتاق قۇردى

2018.10.01 17:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۆز خەۋىرىمىز. 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە بىلەن ئورتاق قۇرغان شېنجېن خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسى قەشقەر سوتتا قاراپ چىقىش مەركىزى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» (شىنجاڭ قەشقەر) تالاش- تارتىشنى ھەل قىلىش مەركىزىنىڭ ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقى قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدا ئېچىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو دۇڭچۈەن ۋە شېنجېن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تالاش- تارتىشىنى ھەل قىلىش مەركىزى شېنجېن خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسىنىڭ «مۇستەقىل، ئادىل، يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەسپىي بولۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى سودا ئىشلىرى تالاش- تارتىشىنى ھەل قىلىپ، ئىككى چوڭ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ: بىرىنچىسى، رايون ھەمكارلىقى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ. «شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىجتىمائىي ئىشلار جەھەتتە ياردەم بېرىش» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى «شىنجاڭغا قانۇنچىللىق مۇھىتى جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا خەلقئارا كېسىم جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا سودا مۇھىتى جەھەتتە ياردەم بېرىش»كە كېڭەيتىدۇ. ئىككىنچىسى، «خەلقئارا كېسىم شېنجېن قائىدىسى»نىڭ تەسىر كۈچى ۋە قاپلاش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شېنجېن خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسىنىڭ ئىناۋىتى ۋە دۇنيا بايلىق مەنبەسىدىن شىنجاڭ قەشقەردە ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، شېنجېن ئالاھىدە رايونى خەلقئارا كېسىمىنىڭ تەسىر كۈچىنى شىمالىي ئامېرىكا رايونى، ئافرىقا رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى رايونلارغا كېڭەيتىدۇ.

  شېنجېن خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسى قۇرۇلغان 35 يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان