ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى» ناملىق كىنونى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2018.10.01 17:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى لى خەۋەر قىلىدۇ. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان ھۆججەتلىك كىنو «يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى»نى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم قويۇش مۇراسىمى ئۈرۈمچى مېييا چوڭ ئېكرانلىق كىنو شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن تۇنجى قېتىم قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم كىنونى كۆردى.

  فىلىم ۋەقەلىكى خۇمار بىلەن قادىشا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقەدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتتىن باشلانغان بولۇپ، يايلاقنىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۆزگىرىشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، قازاق چارۋىچىلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئۆتمۈش بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويغانلىقى بايان قىلىنغان.

  «فىلىمدە چىن ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن بولۇپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىكەن، جانلىق تەسۋىر ئارقىلىق ھېكايە سۆزلەشتەك بايان قىلىش شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، كىشى قەلبىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدىكەن» دېدى تاماشىبىن ياڭ يەنگۈەن.

  فىلىم ئىشلىگۈچى، باش فىلىم ئىشلىگۈچى، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: فىلىمنى پىلانلاپ تۈر تۇرغۇزۇشتىن سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملاشقىچە ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتتى. فىلىمدە ئەسلىي ئېكولوگىيە خاتىرىسى بىلەن ۋەقەلىكنى كومېدىيەلىك ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، ھۆججەتلىك كىنو ئۇسلۇبىدا يېڭىلىق يارىتىشتا دادىل ئىزدىنىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ كىنو ئىجادىيىتى تارىخىدىكى تۇنجى چوڭ ئېكرانلىق كىنو. بۇ فىلىمنىڭ 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە ئاشكارا قويۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  9- ئاينىڭ 11- كۈنى، بۇ فىلىمنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تۇنجى قېتىم قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، پايتەختتىكى ھەر ساھە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى، كەڭ كۆلەمدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان