ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شى جىنپىڭ 79-جىتۈەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك

2018.09.30 16:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 79- جىتۈەنجۈننى كۆزدىن كەچۈردى، لياۋنىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى مۇئاۋىن شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن كۆرۈشتى.
  سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ 79- جىتۈەنجۈننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، ۋاڭ تيەندې). جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 27- كۈنى 79- جىتۈەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق روناق تاپقۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىي ئۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، بۇرچ، ۋەزىپىنى مەھكەم تۇتۇش، ئىسلاھ قىلىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەردىن ئىبارەت سۇبيېكتنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك.

  ئالتۇن كۈزدە، كەڭ لياۋنىڭ زېمىنىدا ھاۋا ئوچۇق ھەم ئارامبەخش بولۇپ، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەردە، شى جىنپىڭ 79- جىتۈەنجۈن مەلۇم قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە لۈيىنىڭ مەشىق مەيدانىغا كەلدى. ئۇ ئالدى بىلەن قىسىمنىڭ ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ دادىللىق بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قوماندانلىق قىلىش- ماسلىشىش، جەڭ تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىش، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە ئىجادىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى بىلگەندە، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ ئاساسىي ئۇرۇش قورال- جابدۇقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تاكتىكىلىق ئىقتىدارى قانداق؟ ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا ئەسقاتامدۇ- يوق؟ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلار بارمۇ- يوق؟ شى جىنپىڭ بۇلارنى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى. تىك ئۇچار-10 ناملىق قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان دۆلىتىمىز ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان 3- ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى. شى جىنپىڭ بۇ تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانغا چىقىپ، مەخسۇس قالپاقنى كىيىپ، ئايروپىلاندىكى قورال ۋە كۆزىتىش- قارىغا ئېلىش سىستېمىسىنى ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ، جابدۇقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ ئەمەلىي ھەربىي مەشىققە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئۇ ئايرودۇرۇمنىڭ قوماندانلىق مۇنارىغا چىقىپ، قىسىمنىڭ ھەرىكەت مەشىقىنى نەق مەيداندا كۆردى. نەچچە ئون تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇرۇش سېپى بويىچە ئالدىن يۈرەر چارلىغۇچى توپ، ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش توپى، ئايروپىلاندىن تاشلاش زەربىدار توپى ۋە بوشلۇق كاپالەت ئەترىتى، ئوت كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش توپى تۈزۈپ، تەرتىپ بويىچە قوماندانلىق مۇنارى ئالدىدىن ئۆتۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا يوشۇرۇنۇپ جانلىق ھەرىكەتلىنىش، مۇداپىئەنى تارقاق بۆسۈپ ئۆتۈش ھەم ھاۋادا ئېلىشىش، تاكتىكىلىق ئۆزىنى قاچۇرۇپ مۇداپىئەنى بۆسۈپ ئۆتۈش، تاكتىكىلىق سەپ تۈزۈپ يېقىندىن رازۋېدكا قىلىش، ئايروپىلاندىن تاشلاپ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، ھاۋادا يېقىن ئارىلىقتا ئوت كۈچى ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق تاكتىكىلىق تۈرلەر بويىچە نۆۋەت بىلەن ماھارەت كۆرسەتتى. بىردەمدىلا ئۇرۇش لاچىنلىرى گۈركىرەپ، تۆمۈر قاناتلار پەرۋاز قىلىپ، ئالاھىدە ئۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاسماندىن چۈشۈپ، چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلدى. شى جىنپىڭ دۇربۇننى پات- پات قولىغا ئېلىپ بۇلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ، قىسىم نامايان قىلغان قالتىس ساپانى مۇئەييەنلەشتۈردى. مەشىق ئاياغلاشقاندا، قىسىمنىڭ كوماندىرى قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ھەيدەپ، ئايروپىلاننىڭ بېشىنى قوماندانلىق مۇنارىغا قارىتىپ چايقاپ، ئۆزگىچە شەكىلدە رەئىس شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

  مەشىق مەيدانىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ 79- جىتۈەنجۈن ئورگىنىغا كېلىپ، جىتۈەنجۈن ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق قىسىملاردىكى تۈەنجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار بىلەن كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جىتۈەنجۈننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەڭگىۋار ئەترەت ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇشتىن چەتنەيدىغان ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەرنى قەتئىي يېڭىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش تەلىپىنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ھەم پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش ۋەزىپىسى، ئۇرۇش رەقىبى، ئۇرۇش مۇھىتىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىستراتېگىيە ۋە جەڭدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىغا سىڭىشىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جىتۈەنجۈن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشقا تەتبىقلاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، جەڭگىۋار كۈچلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھەربىي مەشىق مۇسابىقىسى پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئەسكەر يېتەكچىلىرى ۋە ئەسكەر تەربىيەلىگۈچىلەرنى كۈچەيتىپ، قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىق ئاساسىنى چىڭىتىپ، قىسىملارنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قىسىمنى ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش ۋە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى قوراللاندۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنە تەربىيەسى ۋە جەڭگىۋار روھ يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كەيپىيات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قىسىملارنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتىكى ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، جەزمەن غەلىبە قىلىشتەك قەتئىي ئىشەنچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىدىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى بىر مەقسەتتە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  9- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شېنياڭدا لياۋنىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى مۇئاۋىن شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
  9- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 79- جىتۈەنجۈننى كۆزدىن كەچۈردى، لياۋنىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى مۇئاۋىن شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن كۆرۈشتى.
  سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شېنياڭدا لياۋنىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى مۇئاۋىن شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشمەكتە.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە