ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چىڭ ئىگىلەش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2018.09.30 16:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېزا- كەنتلەر گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، يېزا- كەنتلەر ئاجىزلاشسا دۆلەتمۇ ئاجىزلىشىدۇ. زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش مۇئەييەن دەرىجىدە زامانىۋىلىشىشتا غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ.

  «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش باش فاڭجېن، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلەپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈزۈم كاپالىتى». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پىكىر يولى، يۆنىلىشى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپ، بىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چىڭ ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپىنى توغرا چۈشىنىشىمىزنى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەپ بەردى.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چىڭ ئىگىلەشتە، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەپ، تەڭ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كەمتۈكلۈك يېزا ئىگىلىكىدە، قىيىن نۇقتا يېزىلاردا. 2017- يىلى، دۆلىتىمىزدە يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %57.5 كە، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %67 كە يەتتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە ئادەم كۈچى، ئۇلاغ كۈچىنى ئاساس قىلىشتىن ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى ئاساس قىلىشقا يۈزلىنىشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىش ئىشقا ئاشتى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇۋاتقىنى شۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىش مەسىلىسى كۈندىن- كۈنگە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقتىن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم بۇ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن بىللە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى قىلىندى. يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەندەك يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككىسىنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىلا، يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتىگە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى مۇستەھكەم تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، مىليونلىغان دېھقاننى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە باراۋەر قاتنىشىش، زامانىۋىلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چىڭ ئىگىلەشتە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يېزا- كەنتلەردە ئەڭ گەۋدىلىك، دۆلىتىمىزنىڭ يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى يېزا- كەنتلەردە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىپادىلەنمەكتە. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا، ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يېزىلاردا، ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچ ۋە زاپاس كۈچمۇ يېزىلاردا. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، بىز چوقۇم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسى، ئامىللارنى تەقسىملەش، جامائەت مۇلازىمىتى، كادىرلارنى سەپلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇشىمىز، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە ئايلاندۇرۇشىمىز، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چىڭ ئىگىلەشتە، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ سىياسەت جەھەتتىن كۈچەش نۇقتىسىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنى گۈزەل يۇرت- ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەر جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنى ھەم ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇپ، ھەم ئىناق، تەرتىپلىك قىلىپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىدە يېزا- كەنتلەر نى- نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان بىپايان زېمىن بولۇپ، تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈپ، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولساق، بىز يېڭى دەۋردىكى يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى چوقۇم پۈتەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە