ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

10 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشتىن ئۈمىد بار، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 50 مىڭ كارخانىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ

شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» چاقىرىش كەسپى مەركىزى بەرپا قىلىدۇ

2018.09.30 16:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 28- كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ياڭ جېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شاڭخەي- شىنجاڭ چاقىرىش كەسپى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېردىكى مۇلازىمەتچىلىك ئىقتىدار رايونى 2020- يىلىغا بارغاندا 10 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە بەش يىل سەرپ قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر كۆپ خىل تىل ئەقلىي چاقىرىش مەركىزى قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 50 مىڭ كارخانىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  «چاقىرىش كەسپى ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا بار، سىز 10086 گە تېلېفون قىلسىڭىز، تېلېفوننىڭ يەنە بىر بېشىدا مەن بولۇشۇم مۇمكىن.» ئىقتىدار رايونىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى ۋېنىرا چاقىرىش كەسپىدىن نەپ ئالغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېپيېڭى كەسپى بار.

  ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، چاقىرىش كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بارغانسېرى زورايدى. ھازىر دۇنيادا چاقىرىش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ كۆلىمى تەخمىنەن 360 مىليارد دوللارغا يەتتى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ %90 ى چاقىرىش مۇلازىمىتىنى سىرتتىن ھۆددىگە ئالغان. دۆلىتىمىزدە چاقىرىش كەسپى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ھەر يىلى %20 لىك سۈرئەتتە تېز ئېشىۋاتىدۇ. بۇ يىل 5- ئايدا، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى بىلەن شاڭخەيدىكى ئىككى پەن- تېخنىكا كارخانىسى بىرلىكتە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭ ئەقلىي چاقىرىش ئۇچۇر پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇردى، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شاڭخەي- شىنجاڭ چاقىرىش كەسپى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتچىلىك ئىقتىدار رايونى قۇرۇلۇپ تىجارەت باشلىدى.

  شىنجاڭ ئەقلىي چاقىرىش ئۇچۇر پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاقىرىش كەسپى قوشۇمچە ئەمگەك كۆجۈملىشىش بىلەن تېخنىكا كۆجۈملىشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە زور رول ئوينايدۇ. بېيجىڭ، شاڭخەي، شىنجاڭدىكى سەككىز شىركەت ئىقتىدار رايونىدىكى كارخانىلار بىلەن سىرتتىن ھۆددىگە ئېلىش مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ يىل ئىقتىدار رايونىدا 3000 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىن ئۈمىد بار.

  ئىقتىدار رايونىغا كىرسىڭىز ھەممە كىشىنىڭ ئالدىراش يۈرگىنىنى كۆرىسىز. «ياخشىمۇ سىز، سىزگە ياردىمىم كېرەكمۇ»، «دەرھال رېمونتچىغا ئۇلاپ بېرەي»، «تېلېفون بەرگىنىڭىزگە رەھمەت»... تېلېفوننى ئەمدىلا قويغان مۇلازىمەتچى خادىم ھەسەن ئېلى بىر مەھەل خىزمەت تاپالماسلىقتىن ئەندىشە قىلىپ يۈرگەنىدى، ئۇ ھازىر ئاق ياقىلىق خادىمغا ئايلاندى، بۇنىڭدىن ئۇ تولىمۇ خۇشال.

  شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپ تەرەققىيات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شاۋ چى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باغچە رايونى تەدرىجىي يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، مارالبېشىغا كېڭەيتىلىپ، «بىر رايون، تۆت باغچە» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما شەكىللەندۈرۈپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورتى، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيەت كەسپى قاتارلىقلارغا كېڭەيتىدۇ. باغچە رايونىغا كىرىپ ماكانلاشقان كارخانىلارنى بىز بىر قاتار سىياسەتلەر بىلەن قوللايمىز، مەسىلەن: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلەپ، پېيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازارغا سېلىنغان كارخانىلارنى بىر قېتىمدىلا نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىمىز ئەمەلىي كۈچكە ئىگە تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى باغچە رايونىغا كىرىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشۇش.

  چاقىرىش كەسپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا ۋۇ جۈن مۇنداق دېدى: باغچە رايونى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن قوشنا، ئادىمىيەت جەھەتتە يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە تولۇق تايىنىپ، توغرا سانلىق مەلۇماتنى قوللىنىشنى يادرو قىلىپ، ئالاقە تورى كەسپى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئالدىن كۆرەرلىككە، ئىلغارلىققا، ئۈلگىلىك خاراكتېرگە ئىگە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىنىڭ ئۆزگىچە كەسىپ ئېگىزلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە