ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جايلاردا مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.09.30 15:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى لى خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي، ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، باغچە قاتارلىق جايلاردا مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچە، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ئارقا- ئارقىدىن پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ: قىزىلتاغ باغچىسى «مېنىڭ قىزىلتاغ ئەسلىمەم» سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، جۇخار گۈلى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ، 9- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە ھەر كۈنى سائەت 20:30 دىن سائەت 24:00 كىچە چىراغلارنى ياندۇرۇپ، جۇلالىق كېچە مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدۇ؛ شېنمۇيۈەن چەۋەندازلار كۇلۇبى ئېسىل چەۋەندازلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ؛ قارلىغاچلىق سۇ دۇنياسى ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

  9- ئاينىڭ 27- كۈنى باشلانغان جۇڭگو. ماناس 9- نۆۋەتلىك زۇمرەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ۋە يىپەك يولى يادرولۇق رايونى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى تەرەققىيات يىغىنىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر 10- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئاۋام چوڭ ئۇسسۇل سەھنىسى، كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىسى، مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، ناخشا- ئۇسسۇل كېچىلىكى، خەلقئارا «بوكس شاھى»لىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەر نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ماناس ناھىيەسىدىكى بارلىق ساياھەت مەنزىرە رايون (نۇقتا)لىرىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولىدۇ. ماناس ناھىيەسىنى چۆرىدىگەن ئون چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى خاسلىققا ئىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك بىر كۈنلۈك، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويۇپ، كوللېكتىپ ساياھەت، ئائىلە ئاپتوموبىللىق ساياھەت، قوشماق تۇغقانلار ساياھىتى قاتارلىق «ماناسلىقلار ماناسنى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.

  9- ئاينىڭ 28- كۈنى باشلانغان 2018- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمىدا، قەشقەر شەھىرىدىكى ئاساسىي پائالىيەت مەيدانى ۋە پوسكام ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى شۆبە پائالىيەت مەيدانى رايون ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا خاس مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى، دارۋازلىق قاتارلىق بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، مارالبېشى توغراق مەنزىرە ساياھىتى، پوسكام توغراق مەنزىرە ساياھىتى، پامىر ئېگىزلىكى تەبىئىي مەنزىرە ساياھىتى، مەكىت قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى قاتارلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرى ئېچىلىدۇ.

  ئويۇن، يېمەك- ئىچمەكتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن مەنىۋى زىياپەتلەر بار.

  10- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا دۆلەت تىلىدىكى كىلاسسىك كىتابلارنى پەرزەنتلەر بىلەن بىللە ئوقۇش، لاي ھەيكەل ياساش دەرسلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

  10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈي تىياتىر ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈي تىياتىر ئۆمىكى) ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجۇڭ تىياتىرخانىسىدا «چىڭفېڭ شىپاڭى»، «ئارخات ساناش»، «لى كۈينىڭ ئانىسىنى يوقلىشى»، «ئەخمەقنىڭ خىيالى»، «جەن چىنيىڭ»، «شىخۇ كۆلىنى ساياھەت قىلىش»نى ئورۇنلايدۇ؛ ناخشا- ئۇسسۇللۇق دىراما «تارباغاتاينى سۆيىمەن» 10- ئاينىڭ 1- كۈنى تارباغاتاي مۇزىكا زالىدا تۇنجى مەيدان رەسمىي قويۇلىدۇ.

  10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، كۆكتوقاي مۇزىكا بايرىمى كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 10- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتى تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك − «1- ئۆكتەبىر»نى تەبرىكلەش ھەم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش خور، مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.

  نىيە . ئارخېئولوگىيە . ھېكايە − جۇڭگو- ياپونىيە نىيە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا داۋاملىق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 3D كارتون كىنو فىلىمى «ئەپەندىمنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى» 10- ئاينىڭ 1- كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قويۇلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل