ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قەدىمىي تۈستىكى «كۇلالچىلىق كەنتى»

مۇخبىرىمىز لى داۋجۇڭ

2018.09.30 15:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9- ئاينىڭ 24- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن بازىرى چاقىرىقوي كەنتىگە كەلگىنىمدە، يېڭىچە شەكىلدىكى رەت- رەت سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى تۇنجى بولۇپ كۆزۈمگە چېلىقتى.

  سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندا، چاقىرىقوي كەنتىدىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى قەدىمىي تۈستە كۆرۈنەتتى. ھەر بىر ئۆينىڭ سىرتقى تېمى سېرىق توپا ئارىلاشتۇرۇلغان لايدا ئوڭغۇل- دوڭغۇل سۇۋالغانىدى. لاي سۇۋالغان تامغا ياپيېشىل تام پېلەكلەر ياماشقانىدى. ئۈچ مېتىرچە كەڭلىكتىكى ئۆستەڭ كەنتنى كېسىپ ئۆتەتتى، ئۆستەڭ يېنىدا يەنە سۇ تۈگمىنى بار ئىدى.

  سائەت 19:00 لاردا، سۇ تۈگمىنى يېنىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىدىن تۈرۈم- تۈرۈم ئىس كۆتۈرۈلدى. كەنت ئاھالىسى خېلىل قارىنىڭ «خۇشۋاق» سەھرا ئارامگاھىدا مېھمانلارغا سامسا، كاۋاپ، توخۇ قوردىقى قاتارلىق كەچلىك تاماقلار تەييارلىنىۋاتاتتى. ھازىر كەنتتە سەھرا ئارامگاھىدىن تۆتى قۇرۇلدى. خېلىل ئائىلىسىنىڭ سەھرا ئارامگاھىنى ئاچقىنىغا ئەمدىلا بىر ئاي بولغان بولسىمۇ، 5000 يۈەن كىرىم قىلغانىدى.

  ئۆستەڭ بويىدىكى يولدىن كىچىك كوچىغا قايرىلغىنىمدا، بىر ئۆينىڭ ياغاچ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يېزىلغان «كۇلالچىلىق ئائىلىسى» دېگەن خەتلەرنى كۆردۈم. بۇ، مۇشۇ كەنتتىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى ئابدۇراخمان مەمتىمىننىڭ ئۆيى ئىدى.

  چاقىرىقوي كەنتىنىڭ «كۇلالچىلىق كەنتى» دېگەن نامى بار. بۇ يەرنىڭ ساپاللىرىنىڭ يالغۇز يېڭىساردىلا بازىرى ئىتتىك بولۇپ قالماي، قەشقەر شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىمۇ بەكلا ئالقىشقا ئېرىشكەن. ھازىر پۈتۈن كەنتتە كۇلالچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۆت ئائىلىلىك بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئابدۇراخمان ئائىلىسىنىڭ ساپاللىرى ئەڭ داڭلىق. بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن ئابدۇراخمان كۇلالچىلىق ھۈنىرىنىڭ 7- ئەۋلاد ۋارىسى. ئۇ سەككىز يېشىدىن باشلاپ كۇلالچىلىقنى ئۆگەنگەن، 52 يىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. ئۇ ياسىغان لوڭقا، ئىدىش، قاچا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ شەكلى كۆركەم، نەپىس، رەڭگى ئوچۇق بولۇپ، «راخمان ساپاللىرى» دەپ نامى بار.

  ئابدۇراخمان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: لاي ئېتىشتىن ئوتتا پىشۇرۇپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغىچە جەمئىي 11 ئىش ھالقىسى بار، ھەر بىر ئىش ھالقىسى كامالەتكە يەتكەن تېخنىكا ۋە مول تەجرىبە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا ياخشى ياساپ چىققىلى بولىدۇ. بىر مەھسۇلاتنى ياساشقا ئادەتتە 25 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. ئابدۇراخمان كۇلالچىلىق ھۈنىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ ھۈنىرىنى ئوغلى بىلەن كېلىنىگە ئۆگىتىپتۇ، يەنە ئالتە شاگىرت تەربىيەلەپتۇ. ھازىر كەنتكە كېلىپ ساپال بۇيۇملارنى سېتىۋالىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ، ساپال بۇيۇملار يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ خاس ساياھەت خاتىرە بۇيۇمىغا ئايلىنىپ ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپتۇ.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن بازىرى چاقىرىقوي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى يۆ ۋەنجى مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، چاقىرىقوي كەنتىنىڭ يوللىرى قاتتىقلاشتۇرۇلدى، تاملىرى يېشىللاشتۇرۇلدى، كوچىلىرى گۈزەللەشتۈرۈلدى، پۇقرالارنىڭ ھەميېنى تومپايدى، قەلبىمۇ يورۇدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل