ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ خەلقئارا ھەرىكەت كېڭىشىنىڭ 35- نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.09.29 15:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. خەلقئارا ھەرىكەت كېڭىشىنىڭ 35- نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىللىق يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا ھەرىكەت كېڭىشىنىڭ 35- نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى كېڭەش ئەزالىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىۋاتىدۇ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش چوڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق ۋەزىپە. خەلقئارا ھەرىكەت كېڭىشى تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىجىل ئىزدىنىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىن دىققەتنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارالمىسىغا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن- ئاخىر ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللاپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايمىز. يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان