ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

چېن چۈەنگو، لوۋ چىنجيەن، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

2018.09.29 15:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لوۋ چىنجيەن باشچىلىقىدىكى جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  9- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جياڭسۇ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئۆلكىدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئىقتىسادتا كۈچلۈك، خەلقى باي، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان يېڭى جياڭسۇ قۇرۇش»تىن ئىبارەت سەمىمىي ئۈمىدنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئۆلكە خەلقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ياخشى كادىرلارنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ تاللاپ ئەۋەتىپ، تۈركۈم- تۈركۈم ياخشى تۈرلەرنى ياردەم بېرىپ قۇرۇپ، ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى كەينى- كەينىدىن قىلىپ بەردى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۈەن 4- شىسى، 7- شىسىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، مەڭگۈ ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاپ، جياڭسۇنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىمىز، جياڭسۇ خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

  لوۋ چىنجيەن جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۈەننىڭ جياڭسۇدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىز شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتقانلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بۇلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرىلىقىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۈەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا قەتئىي كۈچلۈك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  لوۋ چىنجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشتىكى ئاساسىي ۋەزىپىمىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ ئۈمىدى ۋە تەلىپىنى ئاڭلاپ، ئىككى جاينىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش. شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، «ئىككى 100 يىل»لىق نىشانغا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەم سىياسىي تەلەپ، ھەم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىق. بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى «ئىككىنى قەتئىي قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى قىلىپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. لوۋ چىنجيەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭسۇ مەۋقەنى يەرلىكنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى دەۋرگە كىردۇق، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە، خاس كەسىپ قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشتۇق. جياڭسۇ بىلەن شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۈستىدىكى مۇھىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىمۇ بىز ئۈچۈن ئورتاق پۇرسەت، جياڭسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاساسىدا، ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىق، تەرەققىياتنى بىر يېڭى قاتلامغا كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. لوۋ چىنجيەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى ئىستىلىنى ئېلىپ كېتىپ، جياڭسۇنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى قاتاردا مېڭىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىمىز.

  سۆھبەت يىغىنىدا، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما چيۇلىن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى ۋە بىڭتۈەن 4- شىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دوختۇرخانا، مەكتەپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە پىراكتىكا قىلىش- تەربىيەلەش دۇكىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىدىن ھال سورىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  جياڭسۇ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن لى شياۋمىن، جوۋ نەيشياڭ، جاڭ جىڭخۇا، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، مانەن زەينەل، جۇڭ بو قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان