ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن، ۋاڭ جىسەيگە «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2018- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى)

2018.09.28 15:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 760- تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى يولداش خۇاڭ چۈن، مەلۇم سىناق سۇپىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى يولداش سۇڭ يۆسەي، مەلۇم سىناق سۇپىسى ماشىنا- ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى يولداش جياڭ كەيبىننىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىندىن ئىبارەت ئۈچ يولداش تەيفېڭ بورىنى ۋە كۈچلۈك دولقۇن ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلارچە قورقماي، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق سىناق سۇپىسىنى قوغداش يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتى بىلەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرىمەن» دېگەن ئەسلىي مەقسىتى ۋە قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، ئۇلار كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، دەۋرنىڭ ئۈلگىسى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىننى ئۈلگە قىلىپ، غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىشى كېرەك.

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۈەنيۈن ناھىيەسى كەيشەن ئارىلى خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى، كەيشەن ئارىلى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش ۋاڭ جىسەي 32 يىل ئارالنى، ۋەتەننى قوغداپ، قىلچە ئۆكۈنمەي خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا ئاجايىپ كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى ياراتتى. بۇ خىل ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلاردىن ھال سورىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يولداش ۋاڭ جىسەيگە ئوخشاش جاپالىق ئىش ئورنىدا ئۇزاققىچە خالىس تۆھپە قوشقان يولداشلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىشى، ئۇلارغا ئىدىيەدە، خىزمەتتە ۋە تۇرمۇشتا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئېتىقادى چىڭ، پارتىيەگە سادىق، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان يېڭى دەۋر تىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەش، تەشۋىق قىلىش، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، تىرىشىپ دەۋرگە مۇناسىپ كېلەلەيدىغان، خەلققە مۇناسىپ كېلەلەيدىغان، تارىخقا مۇناسىپ كېلەلەيدىغان نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن، ۋاڭ جىسەيگە «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  خۇاڭ چۈن، ئەر، خۇبېي ۋۇخەندىن، 1967- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، 1997- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 760- تەتقىقات ئورنى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى. 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، دۆلەتنىڭ مەلۇم نۇقتىلىق سىناق سۇپىسى تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، زور خەۋپ كۆرۈلگەن خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، يولداش خۇاڭ چۈن 760- تەتقىقات ئورنىدىكى 11 يولداشنى باشلاپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، شىددەتلىك بوران ۋە دولقۇنغا قارىماي سىناق سۇپىسىنى پۇختىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بەختكە قارشى شىددەتلىك دولقۇندا دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئۇ بۇ يىل ئاران 51 ياشتا ئىدى. يولداش خۇاڭ چۈن ئۇزاق مۇددەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسى تىپىدىكى مەھسۇلات پەن تەتقىقاتى ۋە باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپ خىل تىپتىكى ئىستراتېگىيەلىك قورال ئومۇمىي پەن تەتقىقاتى، لايىھەلەش، ياساش، سىناق قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان ياكى قاتناشقان. ئۇ ئەزەلدىن شەخسىي پايدا- زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان، ئۇزاق يىل پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، «سەمىمىي بولۇش» روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىزچىل ھالدا سۈپەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلغان ۋە ياخشىلىغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 16 تۈرلۈك دۆلەت ھەربىي ئۆلچىمى، پاراخوت بەلگىسىنى تۈزۈش، تۈزىتىشنى تەشكىللەپ تاماملىغان، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تەشكىللەپ ئورنىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن- تېخنىكا سانائىتىنىڭ سۈپەت خىزمىتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي پاراخوت ئىشلىرىغا پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغان.

  سۇڭ يۆسەي، ئەر، لياۋنىڭ دەندۇڭدىن، 1957- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان، 1985- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 760- تەتقىقات ئورنى مەلۇم سىناق سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى ئىدى. 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، دۆلەتنىڭ مەلۇم نۇقتىلىق سىناق سۇپىسى تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، زور خەۋپ كۆرۈلدى، سۇڭ يۆسەي خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە سىناق سۇپىسىنى پۇختىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى، شىددەتلىك بوران ۋە كۈچلۈك دولقۇن ئالدىدا، ئۇ ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ چېكىنمىدى، بەدەن قۇۋۋىتى يېتىشمەي كۈچلۈك دولقۇندا دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئۇ بۇ يىل 61 ياشتا ئىدى. يولداش سۇڭ يۆسەي دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم قىسمىنىڭ پاراخوت باشلىقى، بازىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئۇ ھەم قوماندان، ھەم جەڭچى بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولغان. ئۇ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، تېخنىكىدا ئەتراپلىق يېتىلگەن، كۆپ قېتىم ئەترەتنى باشلاپ نۇرغۇن تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان، يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىناق سۇپىسىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سىناق سۇپىسى خادىملىرىنى تەربىيەلەش دەرسلىك ماتېرىيالىدىن يەتتە پارچە يېزىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇستەھكەم ئاساس سالغان. ئۇ كەسىپكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان، چەت ئەلنىڭ يۇقىرى مائاش بېرىپ ئىشلىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغان، شەخسىي مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، كوللېكتىپنى ئويلاپ، دۆلەتنى قوغداشقا مۇھەببەت باغلاپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈچ قوشقان.

  جياڭ كەيبىن، ئەر، خۇنەن چاڭدېدىن، 1956- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، 1978- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 760- تەتقىقات ئورنى مەلۇم سىناق سۇپىسى ماشىنا- ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئىدى. 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، دۆلەتنىڭ مەلۇم نۇقتىلىق سىناق سۇپىسى تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، زور خەۋپ كۆرۈلدى، جياڭ كەيبىن ھەممىدىن بۇرۇن ئاتلىنىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە سىناق سۇپىسىنى پۇختىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بەختكە قارشى شىددەتلىك دولقۇندا دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئۇ بۇ يىل 62 ياشتا ئىدى. يولداش جياڭ كەيبىن ئىلگىرى دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم قىسمى ھەربىي پاراخوت ماشىنا- ئېلېكتىر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئىدى، ئۇ ئىش ئورنىنى سۆيەتتى، كەسپىنى قەدىرلەيتتى، قابىلىيىتى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ئىدى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بارلىقىنى ھەربىي پاراخوت ئىشلىرىغا ئاتىغانىدى. ئۇ نام- مەنپەئەت، پايدا- زىيان قوغلاشمايتتى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا «پېشقەدەم جەڭچى»گە خاس غەيرەت- شىجائەت ۋە قەتئىيلىكى بىلەن سىناق سۇپىسى خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئىگىلىگەن بارلىق كەسپىي بىلىمى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى قىلچە ئايىماي ياش يولداشلارغا ئۆگىتەتتى، قولمۇقول يېتەكلەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي قوشۇننى قۇرۇپ چىققانىدى، ئەترەتنى باشلاپ كۆپ خىل تېخنىكا كاپالىتى ۋەزىپىسىنى قالتىس تاماملاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنىدى.

  ۋاڭ جىسەي، ئەر، جياڭسۇ گۈەنيۈندىن، 1960- يىلى 8- ئايدا تۇغۇلغان، 2003- يىلى 11- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۈەنيۈن ناھىيەسى كەيشەن ئارىلى خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى، كەيشەن ئارىلى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى. 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى يولداش ۋاڭ جىسەي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى ۋاپات بولدى، ئۇ بۇ يىل 58 ياشتا ئىدى. يولداش ۋاڭ جىسەي باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، 1986- يىلىدىن باشلاپ، خۇاڭخەي دېڭىزىدىكى ئالدىنقى قاراۋۇلخانا كەيشەن ئارىلىنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپىسىنى قەتئىيلىك بىلەن ئۈستىگە ئالغانىدى. ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە ئارالنى ئائىلە دەپ بىلىپ، جاپا- مۇشەققەتنى ھەمراھ قىلىپ، ھەر كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۆز ۋاقتىدا ئارالنى چارلاپ، يۈرۈش بەلگىسىنى قوغداپ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، ئەتكەسچىلىك قىلغانلار، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر قاتارلىق قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلدى. ئۇ دۆلەت ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئارالنى 32 يىل قوغداپ، پەقەت بەش قېتىملىق چاغاننى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى، بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغانىدى، ئاتا - ئانىسى ۋاپات بولغاندا، قىزى توي قىلغاندىمۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بارالمىغانىدى. يولداش ۋاڭ جىسەي ئۆمۈرلۈك زېھنىنى ۋەتەننىڭ دېڭىز مۇداپىئەسى ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە خەلققە ۋەتەننى سۆيۈش، بارلىقىنى بېغىشلاشتەك ساداقەتمەنلىك جاۋابى بەردى.

  ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن. يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن ۋە ۋاڭ جىسەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەر، ئۇلار ھاياتى ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دەۋر سەھىپىسىنى ياراتقان شانلىق ئۈلگىلەر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلدى. ئۇلارنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى، پارتىيەگە سادىق سىياسىي پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئەلا» دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولۇشتەك كەسىپنى قەدىرلەش روھىدىن ئۆگىنىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، مەۋھۇم ئىشقا بېرىلمەي، ئەمەلىي ئىشلەش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئادا قىلىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق بۇرچنى شەرھلەش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرەلەيدىغان ئالىيجانابلىقىدىن ئۆگىنىپ، ۋەتەننىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلىرىدا جاپالىق كۈرەش قىلىپ، تۆھپە يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، ھالقىلىق ۋە جىددىي پەيتلەردە جاندىن كېچەلەيدىغان، تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇپ، غايە- ئېتىقادنى ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ھەرىكەت كۈچى قىلىپ نامايان قىلىش كېرەك. ئۇلارنىڭ نام- مەنپەئەتكە بېرىلمەيدىغان، ئۆزىنى پاك تۇتىدىغان ئەخلاق- پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

  قەھرىمانلار دەۋرنىڭ بايراقدارى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قىممەت ئىنتىلىشى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن، ۋاڭ جىسەيلەرنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئاڭنى ئۆستۈرۈپ، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلاردىن بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27-سېنتەبىر تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە