ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قورغاس تاشيول پورتىنىڭ يېڭى ئورنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

يىلىغا 3 مىليون توننا يۈكنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، 5 مىليون ئادەم (قېتىم)نىڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ

2018.09.28 15:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن قازاقىستان ئالمائاتا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ئاماندىك باتاروۋنىڭ ئاپتوموبىل قاتناشنى باشلاش كۇنۇپكىسىنى بىرلىكتە بېسىشىغا ئەگىشىپ، ئايرىم- ئايرىم جۇڭگو ۋە قازاقىستانغا تەۋە ئالتە يۈك ئاپتوموبىلى ئاستا- ئاستا تەرەپلەرنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى، بۇ، قورغاس تاشيول پورتى يېڭى ئورنىنىڭ رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن قورغاس تاشيول پورتى يېڭى ئورنىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سۈپىتىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى تىرىشىپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، قورغاس تاشيول پورتى يېڭى ئورنىنىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سودا سېلىنمىسى ۋە خادىملار ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2013- يىلى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلاشقانلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىك، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش رېئال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقانلىق بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى، بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چۆرىدەپ كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگودىكى قازاقىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بىردىنبىر ئۆلكە - ئاپتونوم رايون سۈپىتىدە پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان سودا سوممىسى 3 مىليارد 806 مىليون دوللارغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ئىمپورت سوممىسى 734 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.2 ئېشىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قورغاس تاشيول پورتى يېڭى ئورنىنىڭ رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو شىنجاڭ پورت رايونى ئىقتىسادى ۋە چوڭ ئۆتەڭ قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي تېما قىلىش، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق، بىر قېتىمدىلا تەكشۈرۈپ دەلىللەش، بىر قېتىمدىلا مەلۇم قىلىش، بىر قېتىمدىلا ئۆتكۈزۈۋېتىشتەك «بىر بېكەت شەكلى»دىكى بىرلەشمە ئىش بېجىرىش مېخانىزمىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ مۇلازىمەتسىز گۇۋاھنامە بېجىرىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، قانۇن ئىجراسىدا ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئۇچۇرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئۆزئارا» چوڭ ئۆتەڭ قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پورت فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەدەنىي، ئىناق» پورتنى تىرىشىپ قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس تاشيول پورتى 1983- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن، 1992- يىلى 8 - ئاينىڭ 10- كۈنى 3- دۆلەتكە ئېچىۋېتىلگەن. پورتنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش رايونىنىڭ كۆلىمى كىچىك، يولۇچى ۋە ماللارنىڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىشىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى تەرەپ يېڭى پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش رايونى، يەنى قورغاس تاشيول پورتى يېڭى ئورنىنى قۇرۇشنى كېلىشىپ بېكىتكەن. جۇڭگو تەرەپ قورغاس پورتى تۈرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 588 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يىلىغا 3 مىليون توننا يۈكنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، 5 مىليون ئادەم(قېتىم)نىڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە