ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى

قورغاستىن ئالمائاتاغىچە بولغان ئومۇمىي لىنىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قىلىپ ياسالدى

2018.09.28 15:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز چېن چياڭۋېي، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى بەلىمجان جۇڭگونىڭ چىنە- قاچىلىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان بۆلىكىدىكى پاسىلدىن ھالقىپ، جۇڭگو قورغاس تاشيول پورتىدىن قازاقىستان نۇرجول تاشيول پورتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. شۇ كۈنى قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى قازاقىستان تەرەپنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى ھەم 3- دۆلەتكە ئۇزارتىلدى.

  قوش غەرب تاشيولىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ياۋروپا غەربىي قىسىم تاشيولى- جۇڭگو غەربىي قىسىم تاشيولى بولۇپ، شەرقتە جۇڭگونىڭ ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، غەربتە رۇسىيەنىڭ پېتىربۇرگتا ئاياغلىشىپ، ياۋروپانىڭ تاشيول تورى بىلەن تۇتىشىدۇ. قوش غەرب تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8445 كىلومېتىر، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 3425 كىلومېتىر، رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 2233 كىلومېتىر، قازاقىستان چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 2787 كىلومېتىر بولۇپ، «ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمى − جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى»نىڭ قاتناش كارىدورى ھېسابلىنىدۇ.

  2017- يىلى 11- ئايدا قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو ئىچىدىكى يول بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ يىل 9- ئاينىڭ 27- كۈنى قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى، جۇڭگونىڭ قورغاستىن قازاقىستاننىڭ ئالمائاتاغىچە ئەسلىدىكى 378 كىلومېتىرلىق يول 306 كىلومېتىرغا قىسقىراپ، ئاپتوموبىل مۇساپىسى ئىلگىرىكىدىن ئىككى سائەت ئەتراپىدا قىسقاردى.

  قاتناش باشلاش نەق مەيدانىدا، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانىدى. شۇ كۈنى قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققان ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلى ئىچىدە، ئىككى ئاپتوموبىلغا ئۇلارنىڭ شىركىتى قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلغان توغاچ بىلەن ئالما قاچىلانغانىدى. يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئاساسلىقى قازاقىستان بىلەن رۇسىيەگە شىنجاڭنىڭ مېۋە- كۆكتاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۈگۈن قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىپ، بىزدەك ئىمپورت- ئېكسپورت كارخانىلىرىغا ناھايىتى قولايلىق شارائىت ھازىرلاندى. قورغاستىن ئالمائاتاغىچە بولغان ئومۇمىي لىنىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قىلىپ ياسالغاچقا، مال تىرانسپورت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  قورغاس ئىقتىساد- تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جىڭشوۋ مۇنداق دېدى: قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىشى قورغاس تاشيول پورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى ياۋروپانىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، بۇ، قورغاسنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش- ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى يىغىش- تارقىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ، قورغاسنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى، نۇركابېل «بەش بىر گەۋدىلەشكەن» خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى سىستېمىسىنىڭ تېزدىن شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە