ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يۈك مىقدارى 10 مىليون توننىدىن ئاشتى

بۇلتۇرقىدىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ئورۇندىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش نىسبىتى %35.5 كە يەتتى

2018.09.28 15:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس تۆمۈريول پورتى بېكىتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك مىقدارى 10 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش نىسبىتى %35.5 كە يەتكەن.

  جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تاشقى ھەمكارلىق باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل پورتلاردىن ئۆتكۈزۈلگەن يۈك مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، ئىمپورت- ئېكسپورت مال ئېھتىياجى شىددەت بىلەن ئېشىپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمى كېڭەيدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشىدىكى ئاساسلىق يولغا ئايلاندى. ھازىر ھەر يىلى ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مەملىكەت بويىچە قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يەتتە ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن، قورغاس پورتىدا چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كۈنىگە تەخمىنەن ئالتىدىن كۆپ بولغان.

  چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سانىنىڭ تېز ئېشىۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈچۈن تېز ئۆتىدىغان «يېشىل يول»نى پائال بەرپا قىلىپ، تۆمۈريول پورتى بېكىتىدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت مال تىرانسپورت مىقدارىنىڭ تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدى.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمچە، ئالاتاۋ بېكىتى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، ئىمپورت- ئېكسپورت نۆۋەتچى پويىزلىرىنى گۇرۇپپىلاش، يىغىش، لىنىيەگە كىرىپ ئالماشتۇرۇش- قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلاردىكى تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ پورتتا تاموژنىدىن ئۆتۈش جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ مەشغۇلات ۋاقىت ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ بېكەتتە توختاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. قورغاس بېكىتى تىرانسپورتنى تەشكىللەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پويىزلارنى گۇرۇپپىلاشقا ۋاقتىدا تەشكىللەپ، پويىزلارنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، نورمال بولمىغان مەشغۇلات ۋاقتىنى قىسقارتقان. ھازىر بۇ بېكەت ئىمپورتتا تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى دەسلەپكى 42 سائەتتىن 22 سائەتكە قىسقارتقان، پۈتۈن پويىزنىڭ ئالماشتۇرۇش- قاچىلاش سۈرئىتىنى ئىلگىرىكى بەش سائەتتىن ئۈچ سائەتكە قىسقارتقان.

  قورغاس بېكىتى يەنە ئېكسپورت ماللىرىنىڭ راۋان توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئىمپورت مال تىجارىتىنى تەشكىللەشنى ياخشى تۇتقان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قايتقان نۆۋەتچى پويىزنىڭ پاختا يىپ تىجارەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قايتقان نۆۋەتچى پويىزنىڭ پاختا يىپ ماللىرىنى توشۇشىنى پائال ياخشى ئىشلىگەن.

  ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ خىمىيە سانائەت بۇيۇملىرى، تۈرلۈك ماللىرى، پولات ماتېرىياللىرى قاتارلىق تاۋارلىرى ئالاتاۋ پورتى ۋە قورغاس پورتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا توشۇلىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى تۆمۈر رۇدىسى، ياغاچ ماتېرىياللىرى، بۇغداي، پاختا يىپ قاتارلىق تاۋارلار بۇ يەردە چېگرادىن كىرىدۇ، ئىككى تۆمۈريول پورتى بېكىتىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يۈك مىقدارى بۇلتۇرقىدىن مۇددەتتىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ئورۇندىلىپ، 10 مىليون توننىدىن ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە