ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۈنسېرى روشەنلەشتى

ئۈچ يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى

2018.09.28 15:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھرا ساياھىتى ۋە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۈنسېرى روشەنلەشكەن، يېقىنقى ئۈچ يىلدا ساياھەت ئارقىلىق 114 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇنغان، 400 مىڭ 300 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولۇنغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، 12 مىڭ نامرات ئائىلە، 21 مىڭ 700 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇنغان، 20 مىڭ 600 ئائىلە، 39 مىڭ 400 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولۇنغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ساھەسى سەھرا ساياھىتى سەرخىل قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىشتۈرۈپ، سەھرا ساياھىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت + ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى ئالغا سىلجىتىپ، سەھرا ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 263 نى يولغا قويۇپ، نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنى چۆرىدەپ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېزا- كەنت ئاممىسىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.

  ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھىدىن جەمئىي 1552 (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)سى، يۇلتۇز دەرىجىسىگە توشمىغان دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھىدىن 4000 دىن ئارتۇقى، ساياھەتچىلىك بويىچە يېمەك- ئىچمەك، ئائىلە قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىدىن 1513 ى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، دۆلەت دەرىجىلىك «ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىقى يىرىك پىلانى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نەتىجىلىرى»، «ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەنزىرە رايونى ئارقىلىق كەنتلەرگە تۈرتكە بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى»، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» قاتارلىقلاردىن 15 ى بەرپا قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە