ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى 140 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىلماقتا

2018.09.27 15:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ئاچقان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ھەر بىر كىشىنىڭ ئايدا 115 يۈەندىن 140 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، 25 يۈەن كۆپەيتىلگەن، بۇ 2015- يىلى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىرلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۆلچەمنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۆستۈرۈلۈشى ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئۆستۈرۈلگەن ئۆلچەمدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەنىڭ يىلىغا كۆپەيگەن چىقىمى تەخمىنەن 310 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2017- يىلىدىكى مالىيە تولۇقلىمىسىغا سېلىشتۇرغاندا %16.04 ئاشقان. مالىيەدىن شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىغا تولۇقلاپ بېرىلگەن مەبلەغنىڭ ئېشىش دەرىجىسى مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۈلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز تەمىناتنى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش دەرىجە ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ھەق تاپشۇرۇش تولۇقلىمىسىنى تەڭشەش مېخانىزمى ھەم دەپنە ياردەم پۇلىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىنات سەۋىيەسىنى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ.

  بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون مەركەز بېكىتكەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىلكىدىكى كىرىمى ۋە مالىيە كۈچى ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىدۇ. جايلارمۇ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدۇ ھەم شەھەر- يېزىلاردىكى 70 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ياشانغان ئاھالىلەرگە مۇۋاپىق مايىللاشتۇرىدۇ؛ 2020- يىلىدىن بۇرۇن، جايلار ئۆز جايىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىلكىدىكى كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تەڭشەيدۇ. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەندە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىغا بەلگە قويۇلمىغان نامرات ئاھالىلەر، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەر قاتارلىق ھەق تاپشۇرۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ 100 يۈەن ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى ۋاقتىنچە ساقلاپ قالىدۇ؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش دەرىجە ئۆلچىمىنىڭ ئۆسۈشى ۋە مالىيە كۈچى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەق تاپشۇرۇش تولۇقلىما ئۆلچىمى مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەق تاپشۇرۇش تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە ھەق تاپشۇرۇشنى تاللىغانلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش تولۇقلىمىسىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆلچەمنى تاللاپ ھەق تاپشۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ؛ دەپنە ياردەم پۇلىنى تارقىتىش ئۆلچىمىنى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى بىلەن باغلايدۇ.

  جايلارنىڭ ئالاقىدار سىياسەت ۋە ئۆلچەملەرنى تەڭشىشى 2019- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 6 مىليون 40 مىڭ كىشىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلار 1 مىليون 125 مىڭ 300 كىشى بولغان، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەمىنات 136.76 يۈەنگە يەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان