ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دۆلىتىمىز خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ

2018.09.26 14:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25- سېنتەبىر تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ لۇ، چېن ۋېيۋېي). مالىيە بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىش ئۈنۈمى ۋە ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز تىرىشىپ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىدۇ.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» 9- ئاينىڭ 25- كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە نۆۋەتتىكى خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئاچقۇچلۇق نۇقتا ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر تەرەپلىمە خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كىرىم- چىقىم خامچوتىنى ئۈنۈم باشقۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مالىيە بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش؛ تارماقلار ۋە ئورۇنلار خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ خامچوت كىرىم- چىقىمىنى ئۈنۈم باشقۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ سىياسەت ۋە تۈر خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، سىياسەت بىلەن تۈرنى ئۈنۈم باشقۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، سىياسەت ۋە تۈر خامچوت مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەش ھەم يولغا قويۇلۇش مۇددىتى بىر يىلدىن ئاشىدىغان مۇھىم، زور سىياسەت ۋە تۈرلەرگە قارىتا پۈتۈن دەۋرىيلىك ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باھالاش، تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن جەريانلىق خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئۈنۈمنى باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۈنۈم نىشان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈم ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ھەم ئۈنۈمنى باھالاش ۋە نەتىجىدىن پايدىلىنىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. يەنە ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند خامچوتىنى پۈتۈنلەي ئۈنۈم باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

  شۇنداق بولۇپلا قالماي، پىكىردە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش چەكلىمىسىنى چىڭىتىپ، مالىيە مىنىستىرلىقى ئۈنۈم باشقۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيەت چەكلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنىڭ جاۋابكارلىق سۇبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. تۈر جاۋابكارى تۈر خامچوت ئۈنۈمىگە مەسئۇل بولىدۇ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ جاۋابكارلىرىغا قارىتا ئۈنۈم ئۆمۈرلۈك جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خەجلەنگەن پۇلنىڭ جەزمەن ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۈنۈمى بولمىغانلارنىڭ جەزمەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بۇنىڭدىن سىرت، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ئۈنۈمنى باھالاش نەتىجىسى بىلەن خامچوتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سىياسەتنى تەڭشەشنى چېتىش مېخانىزمىنى چىڭ تۇتۇپ ئورنىتىپ، شۇ دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى بىلەن تارماقلارنىڭ خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چېتىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى بىلەن يۆتكىمە چىقىم تەقسىماتىنى چېتىشى كېرەك. تۆۋەن ئۈنۈملۈك، ئۈنۈمسىز مەبلەغنى بىردەك كېمەيتىش ياكى بىكار قىلىش، ئۇزاق مۇددەت توپلىنىپ قالغان مەبلەغنى بىردەك قايتۇرۇۋېلىش ھەم ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قوللاشقا ئېھتىياجلىق ساھەلەرگە بىر تۇتاش ئىشلىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان