ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭچيۇ بايرىمىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى بولدى جەم، تىيانشاننىڭ جەنۇب- شىمالى تولدى شادلىققا شۇ دەم

2018.09.25 18:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئالتۇن كۈزدىكى 9- ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما مول- ھوسۇل شادلىقىغا چۆمۈپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزدى، جايلاردا سەرخىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشتەك قىزغىن ھېسسىياتى تولۇق نامايان قىلىندى.

  قاراماي: بۇتخانا سەيلىسى قىزىپ كەتتى

  9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، 2018 قاراماي جۇڭچيۇ بايرىمىلىق بۇتخانا سەيلىسى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇتخانا سەيلىسىدە، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرگەزمە ئويۇنلىرى، ئۆزگىچە تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە بالىلار شادلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونى قارامايدىكى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى جەلپ قىلىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى شەكىللەندۈردى. ئۈچ كۈندە، بۇتخانا سەيلىسى قىلغانلار 300 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېقىنلىشىپ، 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېتىش سوممىسى يارىتىلدى. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، ئۈندىدار توپى، شىنلاڭ مىكروبىلوگى قاتارلىق ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، ھەر مىللەت ئامما قاراماي جۇڭچيۇ بايرىمىلىق بۇتخانا سەيلىسىنى بەس- بەستە تارقىتىشتى، ۋاڭيى خەۋەرلىرى تېرمىنالىدىمۇ باش بەتتە مەخسۇس خەۋەر بېرىلدى، چېكىلىش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى.

  16 ياشلىق گۈلرۇز رەپقەت قوشماقلاشقان تۇغقىنى ليۇ يۈجيېنىڭ بىلىكىنى تارتىپ تۇرۇپ قىزغىنلىق بىلەن: «بۇ مېنىڭ بۇتخانا سەيلىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم، ھەقىقەتەن قىزىيدىكەن» دېدى. شەھەر ئاھالىسى ليۇ فېڭمۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن بىللە بۇتخانا سەيلىسىگە باردى. ليۇ فېڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى بۇتخانا سەيلىسى ئىنتايىن ياخشى ئۇيۇشتۇرۇلۇپتۇ، بىز ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە بۇتخانا سەيلىسى قىلىپ، بايرام خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندۇق». ئىگىلىنىشىچە، بايرام بەزگىلىدە، قارامايدىكى جەمئىي 6700 نەچچە پارتىيە ئەزاسى، كادىر قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى بۇتخانا سەيلىسىگە تەكلىپ قىلغان.

  پەيزاۋات: دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، جەم بولۇشنى تەبرىكلەش

  9- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 9دا، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق بايراق ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلدى، پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىرلار، قوشماقلاشقان كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، كەنت كادىرىنىڭ بارلىق خادىملارغا باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن داغدۇغىلىق كوللېكتىپ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. جاراڭلىق، كۈچلۈك قەسەم سۆزى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

  قۇمئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە مەخەت ئەمەت مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتىمىزنىڭ يولى پۈتتى، يول چىرىغىمۇ بار بولدى، يەسلىمۇ سېلىندى، بۇ ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىدىن بولدى، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

  شۇ كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق كادىرلار، نامراتلارغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، قوشماقلاشقان كادىرلار بەس- بەستە ئائىلىلەرگە كىرىپ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى جەم بولۇشنى تەبرىكلەش، جەم بولۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتەك بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

  گۇما: بەخت ھېكايىسىنى بىرلىكتە سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

  9- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك- دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ گۇما ناھىيەسى سانجۇ يېزىسى قۇمئېغىل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ بىللە بايرام ئۆتكۈزدى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىنىڭ ئىچى كۈلكە- چاقچاققا، شاد- خۇراملىققا چۆمدى.

  پائالىيەت باشلىنىشى بىلەنلا، كەنت كادىرى كەنت ئاھالىلىرىگە جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك چوڭ قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق «نەپنىڭ نەدە ئىكەنلىكى»نى چۈشەندۈردى، «نەپنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى، كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  60 ياشلىق كەنت ئاھالىسى تۇرانىسا سادىر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيە بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. يېقىندا مەن 20 نەچچە بەتلىك تەشۋىقات ماتېرىيالى يازدىم، مەن پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىمەن.

  بورتالا: مول ھوسۇل نەتىجىلىرى مۇسابىقىسى

  9- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى داڭخارتبۇلاق كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىدا كۈلكە- چاقچاق ئۈزۈلمىدى، ھەر مىللەت ئامما مول ھوسۇل نەتىجىلىرىنى مۇسابىقىلەشتۈرۈپ، نازۇ- نېمەتلەردىن بەھرىلىنىۋاتاتتى... جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان تۈرلۈك قىزىقارلىق پائالىيەتلەر ئارقا- ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە خۇشال كۈتۈۋالدى.

  ئۈزۈم، ئالما، دۇڭگۇا، ياڭيۇ، كاللەكبەسەي، بەسەي، يۈتوۋ، كاۋا قاتارلىق ھەر خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھالاش سۇپىسىغا لىق تىزىلدى، كەنت ئاھالىلىرى بەس- بەستە ئائىلىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ مول ھوسۇل نەتىجىلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇردى.

  پائالىيەتكە يەنە سەنئەت نومۇرلىرى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە ئائىت بىلىملەردىن زېھىن سىناش قاتارلىقلار كىرىشتۈرۈلگەنىدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان كىچىك خور، مەيدان ئۇسسۇلى، كۈەيبەر قاتارلىق قالتىس نومۇرلارنى قىزغىنلىق بىلەن ئارقا- ئارقىدىن ئورۇنلىدى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

  بورتالا شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ شويىڭپەن بازىرى داڭخارتبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مۇيەسسەر نەجىم مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى جۇڭچيۇ بايرىمى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى، ھەم مول ھوسۇلنىڭ شادلىقى بار، ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىللىقلىقى بار، بۇلار قوشۇلۇپ شېرىن بەختنى ھېس قىلدۇردى، كېلەر يىلىمۇ بايرامنى يەنە مۇشۇنداق ئۆتكۈزىمىز.

  قاغىلىق: مەيدان ئۇسسۇلى روھنى ئۇرغۇتتى

  9- ئاينىڭ 23- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى «دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش» ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى لوڭقىسى دېھقان- چارۋىچىلار مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى، تەييارلىق مۇسابىقىسىدە ئۈزۈپ چىققان 11 يېزا- بازار (مەيدان، رايون)نىڭ ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان 11 كوماندا ئۆز سالاپىتىنى نامايان قىلدى. چىپان يېزىسى ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى ماھىرلار چىرايىدىن تەبەسسۇم ياغدۇرۇپ، رەڭدار ئۇسسۇل كىيىمى كىيىپ، شوخ رىتىمغا ئەگىشىپ «جۇڭگو گۈزەل» دېگەن ئۇسسۇلنى ئويناپ، پات- پات شەكىل ئۆزگەرتىپ تۇردى؛ زۇڭلاڭ يېزىسى ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى ماھىرلار چىرايلىق كىيىم كىيىپ، جۇشقۇن مۇزىكىغا ئەگىشىپ شوخ ئۇسسۇل ئوينىدى، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى؛ بەشئېرىق يېزىسى ۋەكىللەر كوماندىسىدىكىلەر «قوش كىشىلىك ئۇسسۇل» ئورۇنلىدى، ماھىرلارنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى، لەرزان ئۇسسۇل ھەرىكىتى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  غوجائېرىق يېزىسىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر توختىمەت مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەيدان ئۇسسۇلى ئويناش قوشنىلار ئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىزنى بېيىتتى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتنىڭ كۆپلەپ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چەرچەن: مەن تۇغقىنىمنى ماختايمەن

  9- ئاينىڭ 23- كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈش، مەن تۇغقىنىمنى ماختايمەن» ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى باشلاندى، بۇ ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا- بازار، مەيدانلىرىدىن كەلگەن 23 گۇرۇپپىدىكى ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتناشتى، 400 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما مۇسابىقىنى كۆردى.

  بۇ قېتىمقى ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى كەنت، گۇرۇپپىلارنى بىرلىك قىلغان بولۇپ، تۇغقانلاشقان كادىر ۋە دېھقان- چارۋىچى ئامما «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلىدى.

  چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈ شياۋخۇا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىز، كۆپچىلىكنى ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ قەدىرلەش، بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەش، پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇش، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

  (گېزىتىمىزنىڭ خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز خاۋ جيەنمېي، جياڭ لېي، چېن چېن، لى چياڭ، ليۇ جىڭ، جاڭ ۋېنمىن، جاڭ ۋېيشۇ، چېن شۆرۇ، جياڭ لىڭ يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل