ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

«تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.09.24 17:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 9- ئاينىڭ 21- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياچېيكا خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «2018−2022- يىللىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانى»نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «نىزام» ۋە «يىرىك پىلان»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قان تومۇرغا، روھقا سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي بىلىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگىچە قۇرۇپ، پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «نىزام» ۋە «يىرىك پىلان»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى بىر تۈرلۈك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۇنجى جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىليونلىغان دېھقانغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى يەنىمۇ ياخشى ھەل قىلىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. نىشان- تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە- مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، يېزىلارنىڭ 1 -، 2 -، 3- كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، غەلىبە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، ھەر مىللەت دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن قىسقا مەزگىللىك نىشان، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىش، بازارنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش بىلەن تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھالىغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن نىشاننى ئوتتۇرىغا قويماي، ھەر مىللەت دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات ۋە قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەشتە نامايان قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا نامايان قىلىش كېرەك، جايلار، تارماقلار، بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرلەر ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىسلاھاتلارنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىيالېكتىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشنى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزى ۋە 17- نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا كۆرگەزمىسى، 2018- يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى، 2018- يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنى، دۇنيا ئاۋامنىڭ ئىلىم- پەن ساپاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ۋە تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈننىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شۇجى گو شېڭكۈننىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ھوشيارلىقىمىزنى ھەرۋاقىت ئۆستۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئاداققىچە قەتئىي، كەسكىن داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل