ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2018.09.22 18:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاش شەھەر- يېزا تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 2020- يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست قاتارلىق نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇش ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش چېگرا رايونلارنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش ۋە چېگرا بويلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنىڭ <13- بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت ئورتاق نىشاندا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنگەن، مۇقىم، ئىناق چېگرا رايوننى كۈچەپ قۇرۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى