ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2018.09.22 17:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، مەسىلىلەرنى دەل تېپىپ چىقىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسي ئىنتىزامىنى قوغدىشى؛ يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشى شەرت. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلىشى؛ كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا بايقاپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلىشى؛ ئاممىۋى خىزمەتنى نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ دەرىجىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈشى؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ سىياسىي، ئىقتىدار، ئىستىل، ئىنتىزام كاپالىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بۇ يىل ئىچىدە نامرات ناھىيە، شەھەرلەر، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەرلەرنى مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى ئاممىۋى خىزمەتنى نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق قاتارلىق ئىستىل مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى