ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز يازغۇچىلىرىدىن فېڭ شوۋ، لى جۈەن لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2018.09.22 17:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز گاۋ فاڭنىڭ 9- ئاينىڭ 21- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە: 9- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە، 7- نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئاپتونوم رايونىمىز يازغۇچىلىرىدىن فېڭ شوۋ، لى جۈەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى ۋە نەسر- فېليەتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يازغۇچىسى فېڭ شوۋنىڭ چوڭ ھەجىملىك ھۆججەتلىك ئەسىرى- «غەربىي سەددىچىن سېپىلى» بۇ نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئەسەردە بىڭتۈەننىڭ 60 يىللىق سەلتەنەتلىك تارىخى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك قايتا نامايان قىلىنىپ، ئىنچىكە، تەسىرلىك يېزىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق نەچچە ئەۋلاد بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى گۈللەندۈرگەن، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشقان كاتتا ئىش- ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياش يازغۇچىسى لى جۈەننىڭ چوڭ ھەجىملىك ئەينەن ۋەقە يېزىلغان نەسرىي ئەسىرى- «يىراقتىكى ئاپتاپپەرەسلىك» نەسر- فېليەتون مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئەسەردە پاساھەتلىك، ئېنىق ۋە جانلىق تىل ئارقىلىق چېگرا رايون تۇرمۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە شېئىرىي تۈسى نامايان قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالتە يازغۇچى لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلىرى شېئىر، نەسر، ئوبزور، ئەدەبىي ئاخباراتتىن ئىبارەت تۆت ئەدەبىيات ساھەسىگە چېتىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى