ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«جۇڭچيۇ پۇرىقى» غا تولغان بايرام

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جياڭ چېڭۋېي

2018.09.18 15:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

     ئىلاۋە

  جۇڭچيۇ بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشتىكى مۇھىم تۈگۈن. جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «بىزنىڭ بايرىمىمىز. جۇڭچيۇ بايرىمى» ناملىق ئىستون ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

  «بۇ كېچە قانداق كېچە، توختىماي دۇمباق ساداسى ئاڭلىنار. چاڭ ئې بىلەن ئاق توشقان، جۇڭچيۇدا تاسادىپىي ئۇچرىشار...» خەنفۇ كىيگەن رىياسەتچى مەيدانغا چىقىشى بىلەن، «ئالقىش سادالىرىمىز بىلەن جۇڭچيۇنى تەبرىكلەيلى، ناخشا- ئۇسسۇللىرىمىز بىلەن دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋالايلى» تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكى يۈەنچۈەن مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا گۈزەل بىر كېچىنى بەخش ئەتتى.

  9- ئاينىڭ 14- كۈنى، «جۇڭچيۇ پۇرىقى»غا تولغان بۇ كېچىلىكنى دۆلەت باج باش ئىدارىسى قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە يىنخې يولى كوچىسى يۈەنچۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن يۈەنچۈەن مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ھەر مىللەت ئاھالىسى ئۆزى ئىجاد قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلىغان جەمئىي 13 ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ «كىچىك كېچىلىك» ئاھالىلەر ئۆزىنى نامايان قىلىپ، بايرامنى ئورتاق ئۆتكۈزىدىغان «چوڭ سەھنە»گە ئايلاندى.

  كېچىلىكنىڭ ئېسىل نومۇرلىرىغا سەھنە ئالدى- كەينىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ، بۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كېچە- كۈندۈز ئاققۇزغان جاپالىق قان- تەرى سىڭگەنىدى.

  ياسىن مەمەتسىدىق ئائىلىسىدىكى ئاتا- بالا ئۈچەيلەن تەڭكەش قىلىپ ئورۇنلىغان مۇزىكىدا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى، بولۇپمۇ چوڭ ئاككوردىيوننى كۆتۈرۈۋالغان 11 ياشلىق يانار ياسىننىڭ بەدىنىدىكى ھەربىر ھۈجەيرە مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ تەۋرىنىپ، كۆپچىلىكتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  ياسىن مەمەتسىدىق ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يىل 2- ئايدا يۈەنچۈەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن «يېڭى ئەزا» بولسىمۇ، يۈەنچۈەن مەھەللىسى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ناتونۇش ئەمەس ئىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دائىملىق ئائىلە زىيارىتى ئارقىلىق ياسىن مەمەتسىدىق بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن تېزلا تونۇشۇپ كەتتى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە، ياسىن مەمەتسىدىق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبى «ئىللىدى». كېچىلىكنىڭ ئارتىس قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ياسىن مەمەتسىدىق ئىككى بالىسىنى ئېلىپ بېرىپ قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

  كېچىلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نومۇرى يۈەنچۈەن مەھەللىسى خىزمەت ئەترىتى، يۈەنچۈەن مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى بارلىق خادىملار كوللېكتىپ ئورۇنلىغان دېكلاماتسىيە ۋە «ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق بارماق تىلى ئۇسسۇلى، بىرلىككە كەلگەن كىيىم، بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  مەھەللە ئاھالىسى شيې فاڭگۇي مۇنداق دېدى: بىز خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايمىز، ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلىنى ھېس قىلالايمىز. بىزمۇ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوللايمىز!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى