ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتايلى

- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2018.09.17 15:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىسلاھات مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقاندىلا، دۆلىتىمىز مائارىپىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلغىلى، تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى، بەلگە خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، مائارىپ ئىسلاھاتىدا نۇقتا كۆپ، دائىرە كەڭ، لىنىيە ئۇزۇن بولۇپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەك كۆپ، ھازىر دۆلىتىمىز مائارىپىدا يەنىلا بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر ساقلانماقتا. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا، دۆلىتىمىز مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سوتسىيالىزم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ پاراۋانلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى دۆلەتنىڭ تۈپ مائارىپ سىياسىتى قىلىش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقى ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ مۇھىم ئاساسى، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلغان مائارىپ تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر كىشىنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن تىرىشىپ بەھرىلەندۈرۈپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش، خەلققە بەخت يارىتىش ئىقتىدارىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ھەربىر كىشىگە ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۆگىنىشنى ھەربىر كىشىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەممە كىشى ئوقۇيالايدىغان، ھەممىلا جايدا ئوقۇيالايدىغان، ھەر ۋاقىت ئوقۇيالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ھەممە كىشىگە باراۋەر يۈزلەنگەن مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەربىر كىشىنىڭ جىنس ئايرىماي، شەھەر- يېزا دەپ ئايرىماي، رايون ئايرىماي، باي- نامرات دەپ ئايرىماي، مىللەت ئايرىماي ياخشى مائارىپنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ھەربىر كىشىگە ماس كېلىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئوخشاش بولمىغان خاراكتېرنى تەبىئىي تالانت قىلغان، ئوخشاش بولمىغان قىزىقىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان، ئوخشاش بولمىغان ساپانى يوشۇرۇن كۈچ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ قوبۇل قىلدۇرۇش كېرەك؛ تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ جانلىق مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مائارىپنى تاللاش تېخىمۇ كۆپ خىل، ئۆسۈپ يېتىلىش يولى تېخىمۇ كەڭ بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش يولى، كەسىپتە ئۆرلەش يولى، جەمئىيەتتە ئۆرلەش يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپ بويىچە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي بولمىغان مائارىپ باھالاش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، نومۇر ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئۆرلەپ ئوقۇش ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، دىپلوم ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، قالپاق ھەممىنى بەلگىلەيدىغان جاھىل كېسەلنى قەتئىي تۈگىتىپ، مائارىپ باھالاشتىكى دىرىژورلۇق تايىقى مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك؛ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، «ياخشى ئوقۇتۇش»، «ياخشى ئۆگىتىش»، «ياخشى باشقۇرۇش»نى كۆزلەيدىغان ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رايون ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، پەنلەر قۇرۇلمىسى، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، پەن، كەسىپلەرنى جانلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ماس يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا پائال ئاتلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، كۆپكە ماھىر، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ مائارىپنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بايلىق بىلەن يۇقىرى سەۋىيەدە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  «يېڭى شەيئىلەر كونا شەيئىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، ئورنىنى ئېلىش ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتساقلا، ھاياتىي كۈچكە تولغان، مول ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئوچۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پايدىلىق بولغان مائارىپ تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى جەزمەن شەكىللەندۈرەلەيمىز، مائارىپىمىزمۇ جەزمەن خەلقنى تېخىمۇ رازى قىلالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16- سېنتەبىر تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان