ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرايلى

- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2018.09.16 15:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  100 يىللىق زور پىلاندا مائارىپ ئاساس. مائارىپ زور پىلانىدا ئوقۇتقۇچى ئاساس.

  «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى». 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇمىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، زور،يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش سەمىمىي ئۈمىدىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئېنىق تەلەپلەرنى قويۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىش ئورنىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى، رىغبەتلەندۈردى.

  ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغۇچى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تەرەققىياتى تارىخىدا، قەھرىمانلارنىڭ ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشى، مۇتەخەسسىس- ئالىملارنىڭ تۈركۈملەپ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ھەممىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشىدىن ئايرىلغان ئەمەس. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 69 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى مائارىپ سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ھازىر، بىزنىڭ 16 مىليوندىن كۆپرەك كىشىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىز بار، بۇ بىر قالتىس كۈچ. ئۇزاقتىن بۇيان، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، بىلىم تارقىتىش، ئىدىيە تارقىتىش، ھەقىقەت تارقىتىش، روھ يارىتىش، ھاياتلىق يارىتىش، يېڭى كىشىلەرنى يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تۈركۈملەپ يېتىلدۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك ماختىشىغا ۋە ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولدى.

  «ئىلىم ئەھلىنى تېپىش ئاسان، ئۇستاز بولالايدىغانلىرىنى تېپىش تەس». بىر ئادەم ھاياتىدا ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئۇچرىسا، بۇ ئۇنىڭ تەلىيى؛ بىر مەكتەپ ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئىگە بولسا، بۇ شۇ مەكتەپنىڭ شەرىپى؛ بىر مىللەتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۈزلۈكسىز چىقىپ تۇرسا، بۇ شۇ مىللەت تەرەققىياتىنىڭ تۈپ تىرىكى، كەلگۈسىنىڭ تايانچى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىلارغا يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت، بۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولغانلىق، ھەم مىللەتكە مەسئۇل بولغانلىق. ھازىر يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ مائارىپقا قويغان يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپى ئالدىدا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىگە قويغان يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ ئالدىدا، بىز چوقۇم ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىشىمىز، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇللۇق خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئوقۇتقۇچىلارنى غايىلىك، ئېتىقادلىق، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، چوڭقۇر بىلىملىك، مېھىر- مۇھەببەتلىك ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشقا يېتەكلىشىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەزىلىتىنى تاۋلاش، بىلىم ئۆگىنىش، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاشتىكى يول باشلىغۇچىسى بولۇپ، زور، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى. يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىغا باھا بېرىشتىكى بىرىنچى ئۆلچەم، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلغار ئىدىيە- مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىسى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يېتەكچىسى ۋە يول باشلىغۇچىسىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش چەكسىز شەرەپلىك، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بۇ شەرەپنى قەدىرلەپ، بۇ كەسىپنى سۆيۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئىنتىلىپ، مائارىپنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىرادىگە ئىگە بولۇپ، نام- ئاتاققا بېرىلمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، مېھىر- مۇھەببەت ئارقىلىق مۇھەببەت يېتىلدۈرۈپ، مۇھەببەت ئۇرغۇتۇپ، مۇھەببەت تارقىتىش كېرەك؛ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، ئىجتىمائىي ئورنى، كەسپىي ئورنىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تېگىشلىك ئىجتىمائىي نوپۇزدىن بەھرىمەن قىلىش بىلەن بىللە، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئوقۇتقۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى خاتىرجەم ھالدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان قىلىش كېرەك.

  «ئۈچ سۇڭ ئۇزۇنلۇقتىكى بور، ئۈچ چى ئېگىزلىكتىكى دەرس مۇنبىرىگە دۆلەتنىڭ تەقدىرى باغلانغان؛ بىر ئوتلۇق قەلب، شامدەك يورۇيدىغان بىر ئۆمۈر ھايات مىللەتنىڭ روھىنى تاۋلايدۇ». ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئالىيجاناب، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان زور، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى دادىل زىممىگە ئالىدىغان قىلساق، بىز چوقۇم مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15- سېنتەبىر تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى