ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى ساغلاملىق يەلكىنىنى چىقاردى

- يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (5)

مۇخبىرىمىز چاۋ جىن

2018.09.16 15:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان مۇھىم جاي بولغان جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن داۋالاش مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ئىدىيەدىن ھەرىكەتكىچە، يىرىك پىلاندىن يولغا قويۇشقىچە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، چېگرا ھالقىغان يىراقتىن داۋالاشتىن ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى كېڭەيتىشكىچە، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت- سائادىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان «ساغلام يىپەك يولى» يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايون خەلقلىرىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈنگە ئايلانماقتا.

  چېگرا ھالقىغان «بۇلۇت دوختۇرخانا» توپى بەرپا قىلىش
 
 يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاقىدار لايىھە ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى رايونىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە داۋالاش مۇلازىمىتى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى بېكىتىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى ئىككىلەمچى مەركەز قىلغان جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت خاسلىقىغا ئىگە داۋالاش ساغلاملىق مۇلازىمەت توپىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى 32 چېگرا ناھىيەگە تايىنىپ كۆپلىگەن ساغلاملىق مۇلازىمىتى كەسىپ رايونى ياكى توپىنى بەرپا قىلىپ، «بىر ئاساس، ئىككى ئىككىلەمچى، كۆپ نۇقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان داۋالاش مۇلازىمىتى توپى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى.

  ھازىر، ئۈرۈمچىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بىلەن چەت ئەلدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىراقتىن مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق يۈز تۇرا بىرلەشمە كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىشى يېڭىلىق بولماي قالدى. ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز چېگرا ھالقىغان يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلار بىلەن دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن چوڭ دوختۇرخانىلارنى تۇتاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى. مەسىلەن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا خارۋارد داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى باش دوختۇرخانىسى قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق دوختۇرخانىلار بىلەن توردا ئالاقىلىشىپ كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە ئىلمىي تەتقىقات توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قازاقىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن خەلقئارالىق يىراقتىن داۋالاش ھەمكارلىقىنى ئورنىتىپ، داۋالاشتا چېگرا ھالقىغان مەسلىھەت بېرىش ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تاشقى ھەمكارلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جىن جەنۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى رايون ئىچىدىكى 27 دوختۇرخانىنى تۇتاشتۇردى، چېگرا سىرتىدا قىرغىزىستان، قازاقىستان، گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 24 چوڭ دوختۇرخانىنى تۇتاشتۇردى؛ كەلگۈسىدە يەنە ئەتراپتىكى توققۇز دۆلەتتىكى جەمئىي يۈز نەچچە چوڭ دوختۇرخانىنى تۇتاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان «بۇلۇت دوختۇرخانا» توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  داۋالاش ساغلاملىق مۇلازىمەت توپى بەرپا قىلىش

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلار ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان يىراقتىن داۋالاش ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ كۈچ بېرىشىدىن پايدىلىنىپ، توردا يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، تور سىرتىدا يۆتكەپ داۋالايدىغان «يېشىل يول» قۇرۇپ، نۇرغۇن چەت ئەللىك ئاغرىقنى شىنجاڭغا كېلىپ ئەلا داۋالاش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  يېقىندا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا كېسەلخانىسىدا ياتقىلى ئۈچ ئايغا يېقىن بولغان تاجىكىستانلىق ئاغرىق مۇزەففەر خەتەرلىك مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. يەرلىك دوختۇرخانا مۇزەففەرگە جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇشنى ئويلاشقان بولۇپ، داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن ياخشى داۋالىنالماي، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغانىدى. ئاغرىقنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كۆپ تەرەپلىمە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا قان كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ ئاق قان كېسىلىنى داۋالاش ۋە تەتقىق قىلىش جەھەتتە جۇڭگودا ئىلغار سەۋىيەدە تۇرىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ، مۇزەففەرنى ئېلىپ جۇڭگو شىنجاڭغا داۋالانغىلى كەلگەن. چەت ئەللىك ئاغرىقلارنى باشقۇرۇش تەرتىپى بويىچە، بۇ دوختۇرخانا ئۇنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، دەسلەپكى گۆدەك ھۈجەيرىلىك جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى دەپ دىياگنوز قويغان. بۇ دوختۇرخانىنىڭ قان كېسەللىكلىرى مەركىزى تەپسىلىي داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ، تۇنجى باسقۇچلۇق ئىندۇكسىيە خىمىيەلىك داۋالاش نەتىجىسىدە، ئاغرىق ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملىنىدىغان مەزگىلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەن.

  داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى قاتارلىق بەش دوختۇرخانا خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئالدىن يولغا قويدى. ئۇلار ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇلازىمەت تەرتىپىنى تۈزدى ھەم چەت ئەل تىلىنى بىلىدىغان يېتەكچى دوختۇر ۋە پەرۋىش خادىملىرىنى سەپلەپ، چەت ئەللىك ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. 2015- يىلىدىن بۇ يىل 7- ئايغىچە، بۇ بەش دوختۇرخانا چەت ئەللىك ئاغرىقتىن جەمئىي 20 مىڭ 662 ئادەم (قېتىم)نى كۈتۈۋالغان ۋە دىياگنوز قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە 17 مىڭ 901 ئادەم (قېتىم) كېسەل كۆرسەتكەن، 2761 ئادەم (قېتىم) كېسەلخانىدا ياتقان.

  جىن جەنۋېي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىنى مەركەز، قەشقەر، ئىلىنى ئىككى تايانچ نۇقتا قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش ساغلاملىق مۇلازىمەت توپىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىققا ياخشى داۋالىنىش سۇپىسى قۇرۇپ بەردى.

  داۋالاش جەھەتتىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش

  يېڭىلا ئاياغلاشقان 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، «2018 يىپەك يولى. ساغلاملىق مۇنبىرى» ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ توققۇز ئاكادېمىكىنى، تېببىي دورا ئالىمى ۋە ئاساسىي تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 50 نەچچە كىشىنى ئىلىم ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇدا ئۈچ يىل ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى. ساغلاملىق مۇنبىرى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى دۆلىتىمىز بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشىدىكى يېڭى سۇپىغا ئايلاندى.

  شۇنداق بولۇپلا قالماي، داۋالاش جەھەتتىكى ئالاقە، ھەمكارلىق تېخىمۇ كۆپ قاتلامدا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئوخشاش بولمىغان پەنلەر بويىچە 200 مەيداندىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك ئىلمىي مۇنبەر پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى «جۇڭگو تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى- جۇڭگو ئاسىيا تۇبېركۇليوزنى كونترول قىلىش تەتقىقات بازىسى» قۇرغان بولۇپ، ھازىر ئۈچ تۈركۈمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش، كىلىنىكا كەسپىي خادىملىرىنى قوبۇل قىلىپ، تەتقىقات ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى؛ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاپلىق قۇرت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىغا ماكانلاشتى، ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا قۇرغان قاپلىق قۇرت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش بويىچە ئۈچىنچى ھەمكارلىق مەركىزى ھېسابلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى قازاقىستان بەيتەيشىڭ گۇرۇھى بىلەن جۇڭگو- قازاقىستان خەلقئارا جۇڭيىچە تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش مەركىزى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئالمائاتادا «جۇڭگو- قازاقىستان خەلقئارا جۇڭيىچە تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش مەركىزى» قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ...

  بۇ يىل 5- ئايدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دوختۇرخانا ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 دوختۇرخانا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىتتىپاققا رەسمىي قاتناشتى. ئالتۇن قوڭغۇراق چېلىنسا، ھەممە ئاۋاز جور بولىدۇ. جىن جەنۋېي مۇنداق دېدى: ئىتتىپاقنىڭ ئەزالىرى قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا داۋالاش ھەمكارلىقى ۋە چوڭقۇر تەرەققىيات ئىقتىدارى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق نەپ ئېلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بەخت- سائادىتى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى