ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئابلاجان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشى

مۇخبىرىمىز فۇ شياڭلۇڭ

2018.09.16 14:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۈرۈمچىگە كەلگەن 16 يىل مابەينىدە، ئابلاجان رۇسۇل ئائىلىسىدىكىلەر ۋاڭ چۈەنفا قاتارلىق كۆپلىگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، بەخت ھۇزۇرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

  2002- يىلى، ئابلاجان خوتۇنى باھارگۈل ئابدۇھىلىم بىلەن بىللە يوپۇغا ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە خىزمەت ئىزدەپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئەسلىدىكى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خېنەنجۇاڭسۈن كەنتىدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇردى. باھارگۈل مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا پۇتۇڭخۇانى بىر ئېغىزمۇ سۆزلىيەلمەيتتىم، ھېچكىمنى تونۇمايتتىم، ھېچيەرنى بىلمەيتتىم. ئۆي ئىگىسى ۋاڭ چۈەنفا تاغام بىزگە ئائىلىسىدىكى قۇدۇقنىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچىشىمىزنى، ئائىلىسىنىڭ كۆكتاتلىقىدىكى كۆكتاتنى تەڭ يېيىشىمىزنى ئېيتىپ، بىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا ياردەم بەرگەنىدى.

  ئابلاجان سانجىدا تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە نەچچە يىل ئوقۇغانىدى، ۋاڭ چۈەنفا ئۇنى شىنجاڭ «خۇيشىنيۈەن» ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەشكە تونۇشتۇرۇپ قويدى. ئۇزاق ئۆتمەي، باھارگۈلمۇ بۇ شىركەتكە ئىشقا چۈشۈپ، ئابلاجان بىلەن بىر ئىسمېنىدا ئىشلىدى. 2006- يىلى ۋە 2008- يىلى، ئۇلارنىڭ ئوغلى بىلەن قىزى ئارقا- ئارقىدىن تۇغۇلدى، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن ئەتىگەندە ئىشقا چىقىپ كەتسە، كەچتە قايتىپ كېلەتتى، بالىلارغا كىم قارايدۇ؟ يەنىلا ۋاڭ چۈەنفا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

  - تاغامنىڭ ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتى بار ئىدى، ھەر كۈنى ئېتىزلىققا ئىشلىگىلى بارغاندا بالىلارنى بىللە ئېلىپ باراتتى، ئوينىتاتتى ھەم مەخسۇس قازان سېتىۋېلىپ، بالىلارغا تاماق ئېتىپ بەرگەنىدى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قانچە قېتىم كەچ قايتىپ كەلگىنىمنى بىلمەيمەن، شۇ ۋاقىتلاردا ھەمىشە ۋاڭ تاغامنىڭ ئۆيىدىن ئۇخلاپ قالغان ئىككى بالامنى قايتۇرۇپ چىقاتتىم،- دېدى ئابلاجان. بالىلار يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، يەنىلا يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى نۆۋەت بىلەن ياردەملىشىپ، بالىلارنى ۋاڭ چۈەنفانىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياتتى، ئابلاجان ئەر- خوتۇن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئاندىن بالىلارنى ئېلىپ كېتەتتى. باھارگۈل مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن نۆۋەتلىشىپ، بۈگۈن بىر مۇئەللىم، ئەتىسى يەنە بىر مۇئەللىم بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

  ئابلاجان ئائىلىسىدىكىلەر جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ، ئون يىل مابەينىدە ئاستا- ئاستا ئاز - تولا پۇل يىغدى. باھارگۈل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بىر كۈن ئىشلىسەم 80 يۈەن تاپىمەن، ئېرىم بىر كۈن ئىشلىسە 100 يۈەن تاپىدۇ، بىر پۇڭنىمۇ ئىسراپ قىلغۇمىز كەلمەيدۇ، بانكىدا 50 مىڭ يۈەن پۇلىمىز بار.

  پۇل يىغقاندىن كېيىن، ئابلاجان ئەر- خوتۇن ئۆي سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى. ۋاڭ چۈەنفا بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ تەرەپ- تەرەپكە قاتراپ، ئۇلارغا ياردەملىشىپ قەيەردە مۇۋاپىق ئۆي بارلىقىنى سۈرۈشتۈردى. 2017- يىلى 7- ئايدا، ۋاڭ چۈەنفانىڭ ئالاقىلىشىشى بىلەن ئابلاجان ئائىلىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) شىمالىي ۋوگزال غەربىي يولى كوچىسى شىمالىي ۋوگزال يولى مەھەللىسىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ كۆچۈپ كىردى.

  47 كىۋادرات مېتىرلىق نىمكەش ئۆينىڭ باھاسى 160 نەچچە مىڭ يۈەن ئىدى، گەرچە ئۇلارنىڭ يىغىپ قويغان ئازراق پۇلى بولسىمۇ، ھەممە پۇلنى بىراقلا تاپشۇرۇش تەسكە توختىدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ قەرز ئېلىش كېرەك!

  ئابلاجان تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ۋاڭ تاغام ماڭا 70 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇردى، «خۇيشىنيۈەن» ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئەسۋابلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى يىرېن 40 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇردى، ئىشلەش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغان قەدىناس دوستۇم خې ئابياۋ 30 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇردى، بانكىدىكى ئامانەت پۇلۇمنى قوشۇپ، ئۆي سېتىۋېلىشقا يەتكۈدەك پۇلنى ئاخىر جەملىدىم. بىز ئۆزئارا باردى- كەلدى قىلىۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى، بىر- بىرىمىزگە ئىشىنىمىز، ئۇلارنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، قاچانمۇ ئۆي سېتىۋالار بولغىيتتىم.

  باھارگۈل مۇنداق دېدى: ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىن، مەھەللە كادىرلىرى ياردەملىشىپ ئۆينى ئاقارتىشىپ بەردى، ئۆيۈم بىردىنلا ئىللىقلىققا تولغاندەك بولدى، مەھەللە رەھبىرى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، بىزنى مەھەللىگە ئىشقا تونۇشتۇردى، ھازىر ئېرىم ئىككىمىز مەھەللىدە ئىشلەۋاتىمىز.

  يېڭى ئۆي، يېڭى خىزمەت، يېڭى تۇرمۇش باھارگۈلگە «جاپالىق كۈنلەرنىڭ ئاخىرى ئاخىرلاشقانلىقى»نى ھېس قىلدۇردى، لېكىن، 2018- يىلى 5- ئايدا، توققۇز ياشلىق قىزى تۇمارىسنىڭ ئوڭ بويۇن قان تومۇرى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ «ئەمدىلا باشلانغان ياخشى كۈنلىرى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى».

  مەھەللە كادىرلىرى ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا، بۇ بالىنىڭ بوينىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تىننىس توپ چوڭلۇقىدا كۆك رەڭلىك پولتىيىپ چىققان نەرسىنىڭ بارلىقىنى، قىل قان تومۇرىنىڭ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، بالىنىڭ ناھايىتى ئازابلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ بالىنىڭ ئۈچ ئايلىق بولغاندا كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى، لېكىن ھازىرغىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلمىغانلىقىنى، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا پۇل بولمىغاچقا، ھازىرغىچە سۈرۈلۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. مەھەللە كادىرلىرى دەرھال دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇ يىل 6- ئايدا بىرقانچە قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن تۇمارىس ئاخىر ئوپېراتسىيە قىلىندى. باھارگۈل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: دوختۇر پاتولوگىيەدە ياخشى سۈپەتلىك چىقتى، ئوپېراتسىيەمۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، 12 ياشقىچە قايتا قوزغالمىسا پۈتۈنلەي ساقىيىدۇ.

  30 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئوپېراتسىيە ھەققى ئابلاجان- باھارگۈل ئەر- خوتۇننىڭ ناھايىتى بېشىنى قاتۇرغانىدى. باھارگۈل مەڭزىدىكى ياشنى سۈرتكەچ مۇنداق دېدى: مەھەللە بىز ئۈچۈن ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى، دوختۇرخانا ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم داۋالىنىش ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىنغان قىسمىنى قوشقاندا، يۈكىمىز بىراقلا يېنىكلىدى، ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى قايتىدىن ياخشىلىنىشقا باشلىدى.

  ئابلاجان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش دېگەن مانا مۇشۇ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ياردەم بېرىپ يۆلىمىگەن بولسا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى