ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى كاتتا مەرىكىسى

- ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن خاتىرە

مۇخبىرلىرىمىز جاڭ تىڭ، دۇڭ لياڭ

2018.09.16 13:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئالتۇن كۈزنىڭ سەلكىن شامىلى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى، ھەممە مەۋجۇدات بەخت شادلىقىغا چۆمگەنىدى. 9- ئاي، رەڭدار، مول ھوسۇللۇق، ئۈمىدكە تولغان بۇ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرى شادلىق تەنتەنىسىگە چۆمدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللىرى مۇسابىقە مەيدانىدا سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  9- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق بەيگە مەيدانىدا باشلاندى.

  شادىيانە دۇمباق رىتىمى ۋە مىللىي مۇزىكا ساداسىغا جور بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن 16 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەر مىللەت تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، چېھرىدە ئىشەنچ ۋە تەبەسسۈم كۈلكىسى جىلۋىلەندۈرۈپ، شادىيانە ئۇسسۇل ئويناپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىدىن ئۆتتى.

  ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئات يورغىلىتىش تەنھەرىكەتچىسى تىلەك سايبولات ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ بىر كاتتا بايرام، بىر قېتىملىق گۈزەل يىغىلىش. ساھىبخانا بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت دوستلارنىڭ گۈزەل ئىلىدا جەم بولغانلىقىنى قارشى ئالغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشال.

  «ئىلى سىزنى قارشى ئالىدۇ» دېگەن ناخشا باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. «تىيانشاننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ئانار قىزاردى، ئانار قىزىرىپ كۈنلىرىمىز باياشات ئۆتمەكتە...» 48 مىنۇتلۇق باشلىنىش مۇراسىمى ئويۇنىدا «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، «ئانار قىزاردى»، «يايلاققا مەدھىيە»، «ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ باش رېژىسسورى زېڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈچ بۆلەك ئويۇن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئويۇندا «مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئويۇنى + ھەقىقىي مەنزىرە ئويۇنى» ئەنئەنىۋى ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. جەسۇر، جۇشقۇن قارا يورغا ئويۇنى، رىتىمى كۈچلۈك ساۋۇردېڭ ئويۇنى، شادىمان قومۇز ئويۇنىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرىدىغان ۋە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىدىغان ئات بەيگىسى، قىز قۇۋار، ئوغلاق تارتىشىش، سارغايدى، ۋاسكېتبول، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى بىر- بىرلەپ كۆرسىتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىۋاتقان مەنزىرىسى نامايان قىلىندى.

  ناخشىچى ليۇ يۈەنيۈەن ئورۇنلىغان «تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق ناخشا باشلىنىش مۇراسىمى ئويۇنىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرى توپى ئارىسىدا غايەت چوڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلدى.

  باشلىنىش مۇراسىمى ئويۇنىغا قاتنىشىپ ئۈچ نومۇر ئورۇنلىغان يۈ ۋېيۋېي ئىلى سىفەن شۆيۈەنىدىن كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن بىر يازلىق تەتىلدىكى مەشىق ناھايىتى جاپالىق بولغان بولسىمۇ، بۈگۈن نومۇرنى ئىنتايىن قالتىس ئورۇنلىدۇق، بۇ بىزگە تارتقان جاپايىمىزنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يۇرتۇمدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن بەكلا خۇشال بولدۇم، ئۇنىڭغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن.

  نەق مەيداندا باشلىنىش مۇراسىمىنى تولۇق كۆرگەن 74 ياشلىق باشەن بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ، بىر مەيدان ھەر مىللەت بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى كاتتا مەرىكىسى بولدى، بۇ ئارقىلىق كىشىلەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلاندى. بۇ كۆزنەك ئارقىلىق، بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىدەك روھىي قىياپىتىنى كۆردۇق. بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى