ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىلدۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2018.09.15 16:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قانداق ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى باش مەسىلە.

  «سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك»، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مائارىپ خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى، نىشانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئالتە نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيە بولۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەلگىچە، ھەر بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ سىياسىي تەلىپىگە ئاساسەن ئادەم تەربىيەلەپ كەلگەن. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا تەكىتلىگەندەك: «دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، بۇ، مائارىپىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن». مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، مائارىپنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش شەرت، بارلىق خادىملار ئادەم تەربىيەلەش، پۈتكۈل جەريان بويىچە ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولسۇن، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مەيداننى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  بىز يېتىلدۈرىدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرى قانداق ئاساسىي ساپا ۋە روھىي ھالەتنى ھازىرلىشى كېرەك؟ بىز يېتىلدۈرىدىغان كىشىلەر جەزمەن كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى تىكلىگەن بولۇشى شەرت، بۇ شەرت ھازىرلانمىسا، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي ھېسسىياتى، مىللىي روھى، بىز يېتىلدۈرىدىغان كىشىلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىغا ئىگە بولۇشى، ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماسلىقى شەرت؛ ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئاساسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە، بىز يېتىلدۈرىدىغان كىشىلەر ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىشى، كۆيۈمچان، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، مېھىر- مۇھەببەتلىك بولۇشى شەرت؛ ئۆگەنمىسە ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقالمايدۇ، بىز يېتىلدۈرىدىغان كىشىلەردە جۇڭگو ھېسسىياتى بولۇشى، شۇنداقلا دۇنياۋى نەزەر ۋە خەلقئارالىق نەزەر دائىرە بولۇشى كېرەك؛ ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھىنى ھەرگىز يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بىز يېتىلدۈرىدىغان كىشىلەر ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىگەن بولۇشى، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش روھىي ھالىتىنى، ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان كىشىلىك ھايات پوزىتسىيەسىنى ھازىرلىغان بولۇشى شەرت؛ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرى ئەتراپلىق يېتىلىشى شەرت، بىز يېتىلدۈرىدىغان كىشىلەر ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال ساپا ھازىرلىشى شەرت.

  سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەخلاق- پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىلىمنى ئاشۇرۇش، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇش كېرەككى، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تۆت ئىشەنچ»ىنى كۈچەيتكەندىلا، ئۇلاردا مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش ئىرادىسىنى تىكلىگىلى بولىدۇ؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن پارتىيەنى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا تەربىيەلىگەن ۋە يېتەكلىگەندىلا، ئۇلاردا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئىرادىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ؛ ئەخلاق- پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تەربىيەلىگەن ۋە يېتەكلىگەندىلا، ئۇلارنى كۆيۈمچان، ئەخلاق- پەزىلەتلىك، مېھىر- مۇھەببەتلىك كىشىلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؛ بىلىمنى ئاشۇرۇپ، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، بىلىمىنى بېيىتىشقا تەربىيەلىگەن ۋە يېتەكلىگەندىلا، ئۇلارنى ھەقىقەت ئىزدەش، قائىدىنى چۈشىنىش، ئىشنىڭ يولىنى بىلىش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئىلگىرىلەتكىلى بولىدۇ؛ كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھىنى چېنىقتۇرۇشقا تەربىيەلىگەن ۋە يېتەكلىگەندىلا، ئۇلارنى قەيسەر، قابىل بولىدىغان، بوشاشماي ئالغا باسىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؛ ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە تەربىيەلىگەن ۋە يېتەكلىگەندىلا، ئۇلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

  گۈلنى يىلتىزىدىن سۇغىرىش، ئادەمنى قەلبتىن تەربىيەلەش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، بىلىمنىڭ جۇغلىنىشى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە راۋاجلىنىشى، تۈزۈمنىڭ يۈرۈشۈشىگە ئېھتىياجلىق ئادەملەرنى يېتىلدۈرگەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى جەزمەن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى جەريانىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14- سېنتەبىر تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر