ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى يىغىن ئاچتى

مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

2018.09.15 16:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر، تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلىدى، مائارىپ خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، دۆلىتىمىز مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە رېئال مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشقا ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش ۋەزىپە قىلىپ، ھەرخىل شەكىلدىكى تەشۋىق- تەربىيە، تەربىيەلەش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى- تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ مائارىپىنى پۇختا، ياخشى باشقۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ دەرسلىك قۇرۇلۇشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىناق، مۇقىم مەكتەپ مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى تەشكىلىي ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ بازىسىدا باشتىن- ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر