ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ تەربىيەلەش، ياخشى تەربىيەلەش كېرەك

2018.09.11 13:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى يۈسۈپ ئەبەيدۇللا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جوۋ مىڭشىن، گاۋ شياۋلى قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66- ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14- يەسلىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئاتلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا ئۈزلۈكسىز نەپ يەتكۈزۈپ، ئىقتىساد سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشىماقتا. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى، خالىس تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ تەربىيەلىشىنى، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى تەربىيەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 100 يىللىق زور پىلاندا مائارىپ ئاساس؛ مائارىپ زور پىلانىدا ئوقۇتقۇچى ئاساس. ئىدىيە- سىياسىي خىزمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پەنلەر سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ھال سوراشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر